Jump to content

تۈركىي تىللار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى تۈركىي تىللار ئائىلىسى)

تۈركىي تىللەر ياكى تۈركىي لەھچەلەر، شەرقىي ياۋروپادىن سىبىرىيە ۋە جۇڭگونىڭ غەربىگىچە ئۇزانغان بىر رايوندا ئانا تىل سۈپىتىدە 180 مىلىيون كىشى تامانىدىن، ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە سۆزلەشكۈچىلەر بىلەن بىرگە تەخمىنەن 250 مىلىيون كىشى تەرەفىدىن سۆزلىشىلىدىغان، 40 ئوخشىمىغان تىلغا بۆلۈنگەن بىر تىل ئائىلىسىدۇر.

تۈركىي تىللار ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا مەنسۇپتۇر. ئەڭ كۆپ سۆزلىشىلگەن تۈركىي تىل تۈركىيە تۈركچىسىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا نەۋبەت بىلەن ئەزەربەيجانچە، ئۆزبەكچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، تۈركمەنچە، تاتارچە، قىرغىزچە كەلمەكتە.

تۈركىي تىللارنى باشقا تىل ئائىلىرىدىن پەرقلەندۈرگەن بىر ئالاھىيدىلىكى، سۆزلەشكۈچىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆچمەن ھايات ياشىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا باغلىق ھالدا بۇ تىللارنىڭ داۋاملىق بىر-بىرلىرى بىلەن تەسىرلەشكەن بولىشىدۇر. تۈرك تىللارنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلغان ئورتاق سۆزلۈكلەرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە جۈملە تۈزلۈشلىرىمۇ ئوخشاشتۇر. بۇ يۈزدىن تۈرك تىللارىنىڭ بىر تىل ئائىلىسى بولماي، بىرلا تىلنىڭ شىۋىلىرى دېگەن كۆرۈشمۇ باردۇر ۋە تۈرك شىۋىلىرى، زامانىۋىي تۈرك يېزىق تىللىرى ياكى تۈرك تىلىنىڭ تارماقلىرى دېگەندەك ئىسىملارمۇ ئۇچرايدۇ. (قاراڭ: "تىل" ۋە "لەھچە" تالاش-تارتىشى)

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]