ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئالتاي تىللىرى
جوغراڧىيەلىك تارقالىشى شەرق، شىمال، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا
سىنىڧىلاندۇرۇلىشى ئالتاي
ئاست گرۇپلار


ئالتاي تىللىرى ئۇرال ئالتاي سېستىمىسى غا تەۋە ئىككى چوڭ تىل ئائىلىسىدىن بىرىدۇر. ئالتاي تىللىرى ياۋروپادىن ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىن يىراق شەرققىچە ئۇزانغان بۈيۈك بىر جوغراڧىيەدە قوللىنىلىدىغان تىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تىل تىل ئائىلىسىدۇر. ئالتاي تىللىرى تۈرك تىللىرى، موڭغۇل، مانجۇ-تونگۇس، ياپون ۋە كورىيە تىللىرىغا بۆلىنىدۇ.

بەئزى تىلشۇناسلار ئىستونىيەچە، ڧىنچە ۋە ماجارچە قاتارلىق ئۇرال تىللىرىنىمۇ بىر ئۇرال ئالتاي تىل ئائىلىسى پارچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر ئالتاي تىللىرىنىڭ يىراق تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە بولسىمۇ، بۇ قاراش دۇنيا تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قەبۇل كۆرۈلمەيدۇ.

تۈرك تىللىرى، بولۇپمۇ بۇگۈنكى تۈركى تىللار ناھايىتى ئۇزاق بولسىمۇ موڭغۇلچە، ياپونچە، ماجارچە، ڧىنچە قاتارلىق تىللار بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.

ئورتاق ئالاھىيدىلىكلەر[تەھرىرلەش]

  1. بۇ گۇرۇپتىكى تىللارنىڭ ھەممىسى تۈزىلىش جەھەتتىن قوشۇمچىلىق تىللاردۇر.
  2. ئالدى قوشۇمچىلەر (ئارتىكىل) يوقتۇر.
  3. سۆز تۈزەش ۋە كېلىش ئارقىدىن قوشۇمچىلەر بىلەن ياسالغاندا سۆز تومۇرى ئۆزگەرمەيدۇ. قوشۇمچە بايلىقى ۋە تۈرلىرى دىققەتكە سازاۋەردۇر.
  4. سۆز تىزىلىشىدا ياردەمچى ئىلىمېنتلار ئاۋۋال، ئەسىل ئېلېمىنتلار كېيىن كېلىدۇ: ئىنسانلىق ھال، گەپنىڭ راستى. مۇستاڧا، ناخشا ئېيتقاندا ئۆزىنى ئۇنۇتۇپلا كېتەتتى.

سۈپەتلەر ئىسىملاردىن ئالدىن كېلىدۇ: قارا قەلەم، مېھرىبان ئاللاھ، جەسۇر خەلق.
ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلمايدۇ: بەش قېرىنداش، مىڭبىر كېچە، قىرىق قاراقچى.

  1. بۇ تىللاردا گرامماتىكىلىق جىنسىيەت يوقتۇر. شۇڭا جۈملىلەردە جىنس پەرقى يۈزىدىن توغۇلىدىغان ئۆزگىرىش بولمايدۇ: مۇدىر - مۇدىرە، مۇئەللىم - مۇئەللىمە، رەھىم - رەھىمە؛he – she دېگەندەك.
  2. بۇ تىللاردا سۇئال قوشۇمچىسى باردۇر.
  3. ئوخشاش شەكىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى راسلانغان ئورتاق قوشۇمچىلەر باردۇر. تۈركى تىللار ۋە موڭغۇلچە ئوتتۇرۇسىدا بۇ ئورتاقلىق تېخىمۇ روشەندۇر.
  4. ئالتاي تىللىرى تاۋۇش ئالاھىيدىلىكلىرىغە كۆرە سېلىشتۇرۇلغاندا بىرمۇنچە ئورتاقلىقلار كۆرۈلمەكتە. بۇلارنىڭ ئەڭ روشەن بولشىنى، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىقىدۇر. سۆز بېشىدا ل، ر، ڭ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ بولماسلىقى بىر باشقا ئورتاقلىقتۇر.

تىللار[تەھرىرلەش]

ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تارماقلىرى تۆۋەندىكىدەك:

مەنگىر، نەگىدال، ئوروقېن، سولون ئېۋېن (لامۇت) شەرقىي سىبىرىيەدە سۆزلىشىلىدۇ.

جورجىت، مانجۇ، شىبە

ئاكانى، بىرار، كىلە، ناناى (گولد، گولدى، خېجېن)، ئوروچ، ئوروك، ساماگىر، ئۇدەگە، ئۇلچ

قازان تاتارچەسى، قىرىم تاتارچەسى

خاكاس تۈركچەسى
تۈركىيە تۈركچەسى

مۇڭغۇل تىللىرى؛ تۇنگۇس مانجۇ تىللىرى [[