شىمال

ئورنى Wikipedia
جۇغراڧىيەلىك تەرەڧلەر

شىمال، تۆرت ئاساسلىق تەرەپنىڭ بىرى. شىمالىي قۇتۇبقا ئىشارە قىلىنىدۇ.

شىمال ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ھەقىيقى شىمال (جوغراپىيىلىك شىمال)[تەھرىرلەش]

مۇقىم، ئۆزگەرمەس. يەرشارى يەر ئوقىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىنىڭ يەر ئوقى بىلەن شىمالدا ئۇچراشقان نوقتىسى جۇغراپىيىلىك شىمال دەپ ئاتىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەر يۈزىنىڭ ئۈستىدىكى شىمالىي قۇتۇب جايلاشقان نوقتا.

ماگىنتلىق شىمال (كۇمپاس شىمالى)[تەھرىرلەش]

ئۆزگىرىشچان. كۇمپاسلاردا شىمالنى كۆرسىتىدىغان يىڭنە كۆرسەتكەن تەرەپتۇر. كۇمپاس بىلەن ئۆلچەنگەن تەرەپ ماگىنىتلىق بولغانلىقى ۋە يەر يۈزىدىكى ماگىنىتلىق يەرلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى يۈزىدىن، ماگىنىتلىق شىمال ئۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت يەرگە قارىتا بەلگىلىنىدۇ. كۈنىمىزدە بولسا ماگىنىتلىق شىمالنىڭ، غەربىي شىمالغا قارىتا ئاغىشى باردۇر. خەرىتە ئۈستىدە ئۇچىدا يېرىم ئوق ئىشارىتى بىلەن كۆرسىتىلىدۇ.

تەبئىي خاتالىق پەرقى[تەھرىرلەش]

تەبىي خاتالىق پەرقى: ماگىنىتلىق شىمال بىلەن جۇغراپىيىلىك شىمال ئارىسىدىكى پەرقتۇر. ماگىنىتلىق شىمال زامانغا كۆرە ئۆزگىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك شىمالنىڭ شەرقىدە ياكى غەربىدە بولىشى مۇمكىن. خەرىتە ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ مىقدارى ئىپادىلىندۇ. يىللىق ئۆزگىرىش كەم (مىنۇس) بولسا ماگىنىتلىق شىمال، جوغراپىيىلىك شىمالغا يېقىنلىشىدۇ. يىللىق ئۆزگىرىش ئارتۇق (پىلوس) بولسا ماگىنىتلىق شىمال، جوغراپىيىلىك شىمالدىن يىراقلىشىدۇ. مەسىلەن، 1990- يىلى خاتالىق پەرقى 3 گرادۇس 14 مىنۇت. يىللىق خاتالىق مىنۇس 0.9 دەقىقە. 1999- يىلى ئۈچۈن 8.1 = 0.9 × 9 يىل مىنۇتلۇق خاتالىق توغۇلىدۇ. 1999 -يىلى خاتالىق پەرقى 3 گرادۇس 6 مىنۇت بولىدۇ. (3 گرادۇس 14 مىنۇت - 8 مىنۇت). ھەر يىل ئۆتكەنسېرى ماگىنىتلىق شىمال، جوغراپىيىلىك شىمالغا يېقىنلىشىدۇ.

يىللار شىمالىي كەڭلىك (پارالېل) غەربىي ئۇزۇنلۇق (مېردىئان)
1947
73.9°
100.9°
1962
75.1°
100.8°
1973
76.0°
100.6°
1984
77.0°
102.3°
1994
78.3°
104.0°
2001
81.3°
110.8°
2002
81.6°
111.6°
2003
82.0°
112.4°
2004
82.3°
113.4°
2005
82.7°
114.4°

گرىد شىمالى (خەرىتە شىمالى)[تەھرىرلەش]

مۇقىم. خەرىتىدىكى شىمال ۋە جەنۇب سىزىقلىرى كۆرسەتكەن شىمال تەرەپ. خەرىتىلەر تىك كېسىك (مېردىيان ئۈستىدىكى) سىزىقلارنىڭ ئۇچىغا جەنۇب شىمال دەپ ئىشارەت قىلىدۇ.

يىڭنە خاتالىق پەرقى[تەھرىرلەش]

گرىد شىمالى بىلەن ماگىنىتلىق شىمال ئارىسىدىكى پەرق. خەرىتىلەردە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ خاتالىق قىممەتلىرىنى ھېسابلىنىدۇ ۋە تەرەپ پەرىقلىرى بەلگىلىنىپ قوشۇلىدۇ ۋە ئېلىۋېتىلىدۇ.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

شىمالىي قۇتۇب

شىمالىي يېرىم شار

شىمالىي ئاسىيا

شىمالىي ئاڧرىقا

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى

شىمالىي شىنجاڭ

شىمالىي جۇڭگو


جۇغراپىيىلىك تەرەپلەر

شەرقىي شىمال
شىمال

غەربىي شىمال
شەرق دۇنيا غەرب
شەرقىي جەنۇب
جەنۇب
غەربىي جەنۇب


جۇغراپىيىلىك تەرەپلەر

شەرق | غەرب | شىمال | جەنۇب