چاغاتاي

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
چاغاتاي-察合台

Chagatai

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان م. 1183
ۋاپاتى م. 1242

چاغاتاي (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Chagatai) بولسا چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

چاغاتاي (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بويىچە يېزىلىشى : جغتاى) - << چاغاتاي خانلىقى >> نىڭ .ئاساسچىسى . 1227 _ يىلىدىن 1241 _ يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كىيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زىمىنلاردا موڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئوز ھوكۇمىرانلىقىنى رەسمى باشلىغان .

ئۇ ئۆزىگە تەۋە زىمىنلارنى مۇنداق ئۇچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنى خارازىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلايسۇيەر رايۇنى ( ماڭلايسۇيەر _ << ئاپتاپ تەرەپ >> ياكى << شەرىق تەرەپ >> دىگەن مەنىدە . ئەينى دەۋىردە بۇ رايۇن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقى قىسىم تىرتوريىسىنى كورسەتكەن ) نى موڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايۇنىنى بولسا ئىدىقۇت ھوكۇمىرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدى ئىمپىريىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۇزۇل _ كىسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان .ئالاقىدار ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دولەتنىڭ سىياسى ، مەمۇرى ۋە ھەربى تۇزۇملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئوز قول ئاستىدا قاتتىق تەلەپ قويۇدىغان ، دولەتنىڭ ئابرۇيۇنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھوكۇمدار بولغان . ئۇ ھوكۇمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا _ سىتىق ، پول مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەقىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنىڭ ئىشكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمقى << ئوتۇۇرا يىپەك يولى>> دا سودا - سىتىق گۇللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ماۋرائۇننەھىر رايۇنىنى باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچىنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇغارادا مەخسۇس << پول مۇئامىلە مەھكىمىسى >> نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مىتاللاردىن پول قويۇپ تارقاتقان . بۇ پوللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يىزىق چۇشۇرۇلگەن . دىمەك چاغاتاي ئوز ھوكۇمىرانلىقى دەۋرىدە بىر قاتار ئۇنۇملۇك تەببىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنىش _ خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۇرگەن . بىراق چاغاتاي ئۇمۇرنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە ھاراق - شاراپقا ناھايىتى قاتتىق بىرىلىپ كەتكەشكە 14 يىل تەخىتتە ئولتۇرۇپ 1241 _ يىلى ئالمالىقتا ۋاپات بولغان .

چاغاتاي ( ᠴᠠᠭᠠᠲᠠᠢ، Цагадай, Tsagadai) سۆزى موڭغۇلچە «ئاقپىشماق» يا «ئاقامشۇل» مەنسىدە.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

چىڭگىزخان (2004 تېلېۋىزىيە تىياتىرى)

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

خىتاي تارىخى
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شيا سۇلالىسى|شاڭ سۇلالىسى|جۇ سۇلالىسى|چىن سۇلالىسى|غەربىي خەن سۇلالىسى
م. 0-499: شىن سۇلالىسى|شەرقىي خەن سۇلالىسى|ئۈچ پادىشاھلىق|جىن سۇلالىسى|ۋېي سۇلالىسى
م. 500-999: سۈي سۇلالىسى | تاڭ سۇلالىسى|شىمالىي سوڭ سۇلالىسى
م. 1000-1499: ئالتۇن سۇلالىسى|تاڭغۇت سۇلالىسى | جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى
موڭغۇل ئىمپېرىيىسى |يۈەن سۇلالىسى| مىڭ سۇلالىسى
م. 1500-1999: چىڭ سۇلالىسى|جۇڭخۇا مىنگو
باشقىلار: چىڭگىزخان-تارىخى فىلم