تەيۋەن

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى جۇڭخۇا مىنگو)
Jump to navigation Jump to search
تەيۋەن
تەيۋەن بايرىقى
San Guang River, Fusing, Taoyuan, Taiwan - 20080601.jpg
DabajianMountain.jpg
Taiwan.nch.ntnu.apo-hsu.2005-10a.altonthompson.jpg

تەيۋەن (جۇڭخۇا مىنگو) (خىتايچە: 台湾/壹灣/台灣؛ پىنيىن: Tái wān،تەيۋەنچە: Tâi-uân ،خاككاچە: Thòi-vàn ) بولسا ئاسىياقىتئەسىنىڭ شەرقىگە، تېنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر ئارالدۇر. ئۇنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھرى بولسا تەيبېي. دۆلەت تىلى بولسا خىتاي تىلى. ھازىرقى پرىزدېنتى سەي يىنۋېندۇر. يەر مەيدانى 32 مىڭ 260 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 22 مىلليون 749 مىڭ نەپەردۇر.

تارىخ[تەھرىرلەش]

قەدىمقى زامان

تەيۋەندە ئەڭ كېچىككەندىمۇ كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە (بۇنىڭدىن 50 مىڭ — 10 مىڭ يىل ئىلگىرى) ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، پېڭخۇ سۇ يولىدا بايقالغان پېڭخۇ ئىپتىدائىي ئادەملىرى ياشىغان دەۋر بۇنىڭدىن تەخمىنەن 450 مىڭ 190 مىڭ يىللار ئىلگىرى بولغان. بۇ يەرنىڭ ئەڭ باشتىكى ئىگىسى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر بولۇپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشقان، بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاۋۇسترونېزىيە تىل سېستىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىتگىچە يېزىقى بولمىغان.

10 - ئەسىردە، سۇڭ سۇلالىسىدىكى خىتايلار پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلىغان. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شياۋزۇڭ خانى چيەنداۋنىڭ 7-يىلى (1171-يىلى) جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنى رەسمىي ئىشغال قىلىپ، فۇجيەن ئايمىقى لۇجىنجياڭ ناھىيەسىگە تەۋە بولغان . 13-ئەسىردە خىتايلار پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، لېكىن ئەسلىدىلا ياشاۋاتقان مىللەت قەبىللىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر مىللەتلەر خەلقنىڭ سودا بايلىقىنىڭ خىتايلارغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى كۆپ بولمىۈان، ئاز ساندىكى خىتاي تەۋەككۈلچىلەر ياكى بېلىقچىلار بىلەن بۇ مىللەتلەر سودا بىلەن شۇغۇللانغان، بۇنداق ئەھۋال 16-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان

1281-يىلى (يۈەن شىزۇ جىيۈەننىڭ 18-يىلى) موڭغۇل قوشۇنى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى ھادىسىسى سەۋەبلقل مەغلۇپ بولۇپ، ريۇكيۇ دۆلىتىگە ئايلىنىپ، پېڭخۇ ئارقىلىق پېڭخۇ ۋىلايەت مەھكىمىسى قۇرۇپ، ريۇكۇ دۆلىتىگە يۈرۈش قىلىپ، ياپونىيەگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەييارلىقى قىلماقچى بولغاندا، ئەلچى پېڭخۇغا قايتىپ كېلىدۇ. كېيىن پېڭخۇنى ئىشغال قىلغان ھەمدە بۇ جاينىڭ رايون ئايرىمىسىنى فۇجيەن چۈەنجۇ ئايمىقىغا بۆلۈپ بېرىپ، پېڭخۇجەينى ھاكىم قىلغان. پېڭخۇ سەييارە تەكشۈرۈش مەھكىمىسى پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تەيۋەن دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان مەھكىمە ھېسابلىنىدۇ.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ شىزۇڭ خانىنىڭ جياجىڭ 42-يىلى (1563-يىلى) دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئامانلىقى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، پېڭخۇ ھاكىمىنى قايتا تەسىس قىلىنغان. بۇ مەھكىمە تاكى-1622 يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى پېڭخۇنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملاشقان، ئەمما-1624 يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ فۇجيەن باش يامول بېگى نەنجۈيى يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ پېڭخۇغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە پېڭخۇ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى كۈچلەرنى پېڭخۇدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنى قايتا ئىشغال قىلغان. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، پورتۇگالىيەلىكلەر شەرقىي ئاسىياغا ئەڭ بالدۇر يېتىپ كېلىپ، تەيۋەننى مۇستەملىكە قىلغان ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيەچىسى بولغان، لېكىن تەيۋەن بىلەن بولغان ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتى پەقەت ئەپيۈن ۋە شال ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتىن توختاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەملىكە قىلىش غەرىزى بولمىغان.

17-ئەسىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا تەيۋەندىكى يەرلىك خەلقلەردە قەبىلە ھالقىغان پادىشاھلىق، يەنى كېيىنكىلە چوڭ قورساق پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان پادىشاھلىق بارلىققا كەلگەن، بۇمۇ تەيۋەن تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن ھاكىمىيەت ھېسابلىنىدۇ. چوڭ قورساق پادىشاھلىقى بابرا مىللىتى، ماۋۋۇزۇ مىللىتى، بازىخەي مىللىتى، خۇڭيا مىللىتى، داۋكاس مىللىتى قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ 27 ئقەبىلە جامائەسىدىن تەركىب تاپقان (كېيىن پەقەت 15 دىن 18 گىچە قەبىلە جامائەسى قالغان) بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن« چوڭ قورساق پادىشاھ» دەپ ئاتالغان، گۈللەنگەن دەۋردىكى دائىرە جەھەتتە جەنۇبتىن بۈگۈنگىچە بولغان لۇگاڭ شەھىرى، شىمالدىن بۈگۈنكى تاۋيۈەن ناھىيەسىگىچە، كېيىنكى مەزگىلدە پەقەت داشى ۋادىسى ئەتراپى بىلەنلا چەكلەنگەن. بۇ پادىشاھلىق-1644 يىلى گوللاندىيەلىكلەر قورال كۈچى بىلەن تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن تەسلىم بولغان، -1645 يىلى-4 ئايدا گوللاندىيەلىكلەر جەنۇبىي قىسىمدا يەرلىك يىغىن ئاچقان، « چوڭ قورساق پادىشاھ» گامزېي ئارامى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، چوڭ قورساق پادىشاھلىقى قىسمەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقاتقان، ئەمما-1662 يىلى گوللاندىيەلىكلەر تەيۋەندىن ئايرىلغانغا قەدەر، چوڭ قورساق پادىشاھلىقى يېرىم مۇستەقىل ھالەتنى ساقلاپ قالغان. چوڭ قورساق پادىشاھلىقى گوللاندىيەگە بەيئەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن مىڭ خانلىدالىقىغا تەۋە بولۇپ باقمىغان. 1661-يىلى مىڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، « ئەسكەر بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جېڭ قوشۇنىنى ھەرقايسى جايلارغا ئەسكەر ئەۋەتىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، مىڭ خانىدانلىقى بىلەن چوڭ قورساق پادىشاھلىقىدا كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇش پەيدا قىلغان. چىڭ سۇلالىسى يۇڭجېڭ 9-يىلى (1731-يىلى) مانجۇ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلار ئەسلىدىكى ئاھالىلەرگە ھاشارغا كۆپ ئادەم ئەۋەتىپ، ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن داجياشى ئۇيۇشمىسى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، كېيىنكى يىلى باستۇرۇلغان، ھەر مىللەت خەلقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق جايىدىن قېچىپ كېتىپ، پۇلى (نەنتۇ ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمى) ئەتراپىغا كۆچۈپ بارغان، چوڭ قورساق پادىشاھلىقى ئاخىرى يىمىرىلگەن.

چىڭ سۇلالىسى زامان(1683-1895)

1684-يىلى 4-ئايدا، تەيۋەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، فۇجيەن ئايمىقىغا قاراشلىق تەيۋەن مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پاسسىپ ھالدا تەيۋەننى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قوللانغان، تەيۋەننى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ئىمكانقەدەر بىرقەدەر تۆۋەن تەننەرخ ئارقىلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ خەلقنى بوز يەر ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرغان، گەرچە 1684-يىلى دېڭىزغا چېقىشنى چەكلەش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىش مەزگىلىدە تەيۋەنگە بارغان كۆچمەنلەرنىڭ سەنى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلۈپ، بوز يەر ئېچىشنى تېزلەتكەن. بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي مانجۇ ئوردىسى يەنە بىر قېتىم« دېڭىزغا چېقىشنى چەكلەش سىياسىتى» نى يولغا قويغانلىقى ھەمدە« تەيۋەنگە بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى» نى ئېلان قىلىش سەۋەبىدىن پەسكويغا چۈشكەن. ئاۋۋال 100 نەچچە مىڭ كىشى گوللاندىيە-ئىسپانىيە باشقۇرۇش مەزگىلىدە تەيۋەندە ئولتۇراقلاشقان خىتايلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەن، ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنى تەيۋەنگە كۆچۈشكە قاتتىق چەك قويغان، كۆچمەنلەرنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان، لېكىن دېڭىز بويىدىكى ئايماقلاردا يەنە نۇرغۇن خەلق تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ تەيۋەنگە ئوغرىلىقچە كىرىپ، تەيۋەننىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. دەسلەپتە چىڭ سۇلالىسى ئەۋەتكەن ئەمەلدارلارنىڭ ئۇمۇمى ساپاسى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى تىل ئارازلىقى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن پۇقرالىرىغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە توپىلاڭچىلىق ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغان، 1721-يىلىدىكى جۇ يىگۇي ۋەقەسى، 1786-يىلىدىكى لىن شۇاڭۋېن ۋەقەسى ۋە 1862-يىلى تۇڭجى يىللىرىدىكى دەي چاۋچۈن ۋەقەسى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى تەيۋەندە يۈز بەرگەن ئۈچ چوڭ« توپىلاڭ دېلوسى» دەپ ئاتالغان. ھالبۇكى، جۇ يىگۈي ۋەقەسى بىلەن لىن شۇاڭۋېن ۋەقەسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە چىڭ سۇلالىسىغا قارشى تۇرۇپ، مىڭ سۇلالىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان گوروھ خالاس، مەزكۇر قاراقچىلار تەيۋەندىكى باشقا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش زوراۋانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى (1894-يىلى) 12-ئايدا تاڭ جىڭسۇڭ تەيۋەننىڭ ھاكىمى بولغان؛ مانجۇ ئوردىسى جياۋۇ ئۇرۇشى (گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى، مېيجى27-يىلى، 1894-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 1895-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى) دا مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئارمىيەسى 1895-يىلى 3-ئايدا ئالدى بىلەن پېڭخۇنى ئىشغال قىلغانلىقتىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ماگۇەن شەرتنامىسى ئىمزالاپ، تەيۋەن بىلەن پېڭخۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەينى ۋاقىتتا سىرتقا پائال كېڭەيگەن ياپون جاھانگىرلىكىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لياڭ چىچاۋ ۋە كاڭ يۇۋېي قاتارلىقلار ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرۇپ خانغا مەكتۇپ يوللاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى بۆلۈپ بەرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان،شۇنىڭبىلەن تەيۋەن خەلقى تەيۋەن دېموكراتىك دۆلىتى قۇرۇپ، ياپونىيەگە قارشى تۇرغان، كۆك ئەگرىسۇناي يولۋاسنىڭ« سېرىق يولۋاس بايرىقى» نى دۆلەت بايرىقى قىلىپ، تاڭ جىڭسۇڭ ۋاقىتلىق بۈيۈك زۇڭتۇڭ بولغان، ليۇ يۇڭفۇ ئۇلۇغ سانغۇن بولغان. ياپونىيە ئارمىيەسى تەيۋەننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى تاماملىماي، 1895-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋدى (شىنبېي شەھىرى گۇڭلياۋ رايونىدىكى ئۈچ بۇلغۇن تۇمشۇقى ئەتراپىدا) دا قۇرۇقلۇققا چىققان، كېيىن« تەيۋەن دېموكراتىك دۆلىتى» نىڭ مۇنتىزىم قوشۇنى ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچىردى .تەيۋەن دېموكراتىك دۆلىتى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قوراللىق قارشىلىقىغا ئۇچردى.


جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

نوپۇس ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

مائارىپ[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ھاۋا كىلىماتى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]