جۇ سۇلالىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
جۇ سۇلالىسى-周朝

م.ب. 11-ئەسىر-م.ب. 256-يىلى

Chunqiu map-zh-classical.png
شەرقىي جۇ سۇلالىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى
پايتەخت خاۋجىڭ، لويى
پادىشاھ قۇرغان پادىشاھ: جۇ ۇۋاڭ
ئاخىرقى پادىشاھ: جۇ يۇۋاڭ
قۇرۇلغان م.ب. 11-ئەسىر
غولىغان م.ب. 256-يىلى
ئۆتمۈش
ئالدىدا كەينىدە
شاڭ سۇلالىسى چىن سۇلالىسى

جۇ سۇلالىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ju Sulalisi) بولسا شاڭ سۇلالىسى دىن كېيىن قۇرۇلغان خىتاي تارىخىدىكى بىر ڧىئوداللىق دۆلەت. غەربىي جۇ سۇلالىسى (پايتەختى خاۋجىڭ) ۋە شەرقىي جۇ سۇلالىسى (پايتەختى لويى) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

تارىخ[تەھرىرلەش]

جۇ سۇلالىسى، جۇۋۋۋاڭ شاڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن بوۋىسى جۇ ۋېن ۋاڭ ئىلگىرى چىشەن تېغىدىكى جۇيۈەندە تۇرغان بولغاچقا، دۆلەت نامىنى جۇ دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1100 –  م. ب. 771 ئارىسى غەربىي جۇ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 770 - 256 - يىللار ئارىسى شەرقىي جۇ سۇلالىسى دەپ ئاتالغان.

جۇ سۇلالىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256-يىلىغىچە تەخمىنەن 800 يىل مەۋجۇت بولۇپ، 30 ئەۋلاد، 37 پادىشاھنىڭ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى، جۇ سۇلالىسى دەۋرى شەرقىي جۇ سۇلالىسى ۋە غەربىي جۇ سۇلالىسىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. غەربىي جۇ سۇلالىسى خاۋجىڭ(ھازىرقى شەنشىدىكى شىئەن ئەتراپى) نى پايتەخت قىلىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 771-يىلىغىچە داۋاملاشتى.

جۇ قەبىلىلىرى ئەسلىدە ۋېيخې دەريا ۋادىسىدە ياشايتتى. جۇنىڭ ئەجدادى جى چى داققال(دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار) بولغاچقا، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «خۇجى» دەپ ئاتىلىپ، دېھقانچىلىق پىرى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەنگەن. جۇ ۋېنۋاڭ—جى چاڭ قەبىلە سەردارى بولغاندىن كېيىن، كەڭ كۆلەمدە قابىللارنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، ئەتراپتىكى بىر قىسم قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، شاڭ سۇلالىسىنى يوقىتىشقا تەييارلىق قىلدى. جۇۋېنۋاڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى جۇۋۇۋاڭ — جى فا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. جۇۋۇۋاڭ مېڭجىن(ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى مېڭجىن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى) دا 800 بەگلىك بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەندىن كېيىن، كېيىنكى يىلى لەشكەر تارتىپ شاڭ سۇلالىسىنى يوقاتتى. جۇۋۇۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن، جۇ چېڭۋاڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، جۇۋۇۋاڭنىڭ ئىنىسى جۇگۇڭدەن ھاكىميەت ئىشلىرىغا نائىبلىق قىلدى. جۇگۇڭدەن جۇ چېڭۋاڭغا ياردەملىشىپ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قۇلدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى.

رىۋايىتى[تەھرىرلەش]

جۇۋېنۋاڭ − جى چاڭ بىر قېتىم سىرتقا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپ، ۋېيشۇي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا بېلىق تۇتۇۋاتقان بىر مويسىپىت كىشىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ھېلىقى مويسىپىت كىشى ئۇنىڭغا ئەلنى ئىدارە قىلىپ، بەگلىكلەرنى ئەمىن تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. جۇۋېنۋاڭ ئۇنى ئاجايىپ دانىشمەن ئادەم ئىكەن دەپ قاراپ، خەلپەت بېگى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. بۇ كىشى دەل مۆجىزىگە باي جياڭ زىيادۇر. ئۇ، كېيىن جۇۋۇۋاڭ − جى فانىڭ شاڭ سۇلالىسىنى يوقىتىپ، جۇ سۇلالىسىنى قۇرۇشىغا ياردەملىشىپتۇ.

تېررىتورىيەسى[تەھرىرلەش]

2-يىلى جۇ پىڭۋاڭ پايتەختىنى لويى (ھازىرقى خېنەندىكى لوياڭ) غا كۆچۈردى، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي جۇ سۇلالىسىنىڭ تارىخى باشلاندى. جۇ سۇلالىسى ۋە ھەرقايسى سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى ھازىرقى خۇاڭخې، چاڭجياڭ دەريا ۋادىلىرى ۋە شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.

خانلىرى[تەھرىرلەش]

غەربىي جۇ سۇلالىسىدە جەمئىي 12 ئەۋلاد پادىشاھ ئۆتتى. 10-ئەۋلاد پادىشاھ − جۇلىۋاڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە مەخسۇس پايدا سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تاغ، ئورمان، يەر، كۆللەرنىڭ پايدىسىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، شەھەرلىكلەر (پايتەختتىكى ئاددىي پۇقرالار) نىڭ ئوتۇن كېسىشىگە، ئوۋ ئوۋلاپ، بېلىق تۇتۇشىغا يول قويمىدى ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ شەھەرلىكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 841-يىلى شەھەرلىكلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ جۇلىۋاڭنى قوغلىۋەتتى، جۇگۇڭ بىلەن جاۋگۇڭ بىرلىكتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ۋاقىتلىق رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ، «گۇڭخې ھاكىمىيىتى» دەپ ئاتالدى. گۇڭخېنىڭ تۇنجى يىلى، يەنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 841-يىلى جۇڭگو تارىخىدىكى ھەقىقىي يىلنامىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

سىياسى تۈزۈلمىسى[تەھرىرلەش]

سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى ئاساسىدا، جۇ تەڭرىقۇت باشچىلىقىدىكى قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلدى. جۇ سۇلالىسىنىڭ پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدە، جۇ تەڭرىقۇتى پۈتكۈل جى فامىلىلىك ئۇرۇق ئىچىدىكى چوڭ ئۇرۇق باشلىقى، ئەڭ چوڭ ئۇرۇق ئاقساقىلى دەپ بەلگىلەنگەنىدى، ھەرقايسى جى فامىلىلىك سۇيۇرغال بەگلەر كىچىك ئۇرۇق ئاقساقاللىرى بولۇپ، ئۇلار چوڭ ئۇرۇق ئاقساقىلىغا بويسۇنۇشى لازىم ئىدى. جۇ تەڭرىقۇتنىڭ خانلىق تەختىگە ۋە بەگلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە جەمەتتىكى چوڭ ئوغۇل ( چوڭ بەگزادە ) ۋارىسلىق قىلاتتى. مۇشۇنداق پاترىئارخاللىق تۈزۈم ۋە پاترىئارخاللىق تۈزۈم بىلەن ماسلاشقان قائىدە-يوسۇن ۋە جىنايى جازالار جۇ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدايدىغان تۈۋرۈك ئىدى.

ئىقتىساد-مەدەنىيىتى[تەھرىرلەش]

غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە ھۆكۈمرانلىق تەرتىپى مۇقىم بولغاچ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك بارا-بارا تەرەققىي قىلدى. دېھقانچىلىق غەربىي جۇ سۇلالىسىدىكى ئاساسىي ئىگىلىك تارمىقى بولۇپ، چاسا ئېتىز تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. برونزا قۇيۇش قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىم تارماق بولۇپ، برونزا قوراللارنى ياساش تېخنىكىسى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، مەھسۇلات مىقدارىمۇ خېلى ئاشتى.؛

دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى[تەھرىرلەش]

جۇ سۇلالىسى بويسۇندۇرۇلغان كەڭ رايونلار ۋە قوۋملارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، جى فامىلىك ئاقسۆڭەكلەر، تۆھپىكار ۋەزىرلەر ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن يات فامىلىلىك قەبىلە سەردارلىرىنى بەگلىككە تەيىنلەپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇلغان جايلارغا ئەۋەتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلدۇردى. غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا جەمئىي 71 سۇيۇرغال بەگ مەرتىۋىسى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جى فامىلىلىكلەر 53 كە يەتكەنىدى. جۇ تەڭرىقۇتى بىۋاسىتە كونترول قىلىدىغان جايلار خانلىق يەر دەپ ئاتىلاتتى، بۇ جايلار پايتەخت خاۋجىڭ ئەتراپىدىكى گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى ۋە لويى ئەتراپىدىكى خېلۇ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ئاخىرقى مەزگىلى[تەھرىرلەش]

جۇيۇۋاڭ غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئىدى، ئۇ كىچىك خانىشى باۋسىغا ئامراقلىق قىلىپ، شېن خانىشنى تاشلىۋېتىپ، شېن خانىشنىڭ ئاتىسى شېن بېگىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. شېن بېگى چۈەنرۇڭ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ خاۋجىڭغا بېسىپ كىرىپ، جۇيۇۋاڭنى ئۆلتۈردى، غەربىي جۇ سۇلالىسى ھالاك بولدى. شۇ يىلى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 771-يىلى ئىدى. 772-يىلى جۇيۇۋاڭنىڭ ئوغلى جۇپىڭۋاڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، پايتەختنى شەرقتىكى لويى(ھازىرقى خېنەندىكى لوياڭ) غا كۆچۈردى. بۇ سۇلالە تارىختا «شەرقىي جۇ سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى بارا-بارا ئاجىزلىدى، ھەرقايسى سۇيۇرغال بەگلىكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھاكىمبەگلىك تالاشتى. كۈچلۈك بەگلىكلەر ئاجىز بەگلىكلەرنى قوشۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تارىخى ئەمىنىيە(چۈنچيۇ) ۋە يېغىلىق(جەنگو) دەۋرىگە قەدەم قويدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256-يىلىغا كەلگەندە، 800 يىل داۋام قىلغان غەربىي جۇ سۇلالىسى ئاخىر چىن بەگلىكى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى.

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

خىتاي تارىخى
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شيا سۇلالىسى|شاڭ سۇلالىسى|جۇ سۇلالىسى|چىن سۇلالىسى|غەربىي خەن سۇلالىسى
م. 0-499: شىن سۇلالىسى|شەرقىي خەن سۇلالىسى|ئۈچ پادىشاھلىق|جىن سۇلالىسى|ۋېي سۇلالىسى
م. 500-999: سۈي سۇلالىسى | تاڭ سۇلالىسى|شىمالىي سوڭ سۇلالىسى
م. 1000-1499: ئالتۇن سۇلالىسى|تاڭغۇت سۇلالىسى | جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى
موڭغۇل ئىمپېرىيىسى |يۈەن سۇلالىسى| مىڭ سۇلالىسى
م. 1500-1999: چىڭ سۇلالىسى|جۇڭخۇا مىنگو
باشقىلار: چىڭگىزخان-تارىخى فىلم