تۇرپان

ئورنى Wikipedia
‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى.
Turpan
Turpan-calles-d01.jpg
Turpan-flaming-mountains-d02.jpg

تۇرپان شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تۇرپان ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. «تۇرپان» دېگەن بۇ ئىسىم قەدىمكى تارىخنامىلەردە بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان ناملار، ھەر خىل ئاھاڭ، تەلەپپۇز، خەتلەردە خاتىرىلىنىپ كەلدى. تۇرپاننىڭ بىر قەدەر قەدىمىيرەك نامى خەنزۇچە يازما مەنبەلەرنىڭ تۇنجىسى بولغان «تارىخنامە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا: «رۇران – غۇزلاردا شەھەر قورغانلار بار» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «غۇزلاردا» دېگەن نام دەل ئەينى زاماندىكى «تۇرپان» بولۇپ، بۇ نامنىڭ بۇ كىتابتا خاتىرىلەنگىنىگە 2000 يىلدىن ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇرپاننىڭ «تۇرپان» دېگەن ئىسمى، ئوخشىمىغان سۇلالىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئاستىدا ئوخشىمىغان تەلەپپۇزلار بىلەنمۇ ئاتالغان ھەم ئوخشىمىغان خەتلەردىمۇ خاتىرىلەنگەن. شۇ كىتابتا يەنە «غۇز ئىككى دۆلەت ئىسمى، غۇز ھەم قوس» دەپ ئىزاھاتلار بېرىلگەن. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت، قەدىمكى زامانلاردىكى غەربىي رايوندىكى ئىككى قەدىمكى دۆلەت بولۇپ، تەخمىنەن 5–6 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا مانا بۇ ماكاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنىڭ پاكىتى. ئۇنىڭدىن باشقا غەربىي خەت سۇلالىسى زامانىسىدا «تۇرپان»نى، يەنى «قۇس» دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم، غەربىي خەن دەۋرىدە ياشىغان تارىخشۇناس بەنگۇ تەرىپىدىن مۇنداق بىر خاتىرە قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خاتىرىدە، «ئالدىنقى غۇز دۆلىتىدە پادىشاھ يارقۇت شەھىرىدە تۇراتتى، دەريا سۈيى بۆلۈنۈپ شەھەرنى بويلاپ ئاقاتتى، قەدىمكى نامى يارقۇت ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «كېيىنكى خەننامە»دە ئوخشاشلا ئەينى زاماندىكى تۇرپاننى بىراقلا «قۇس» دەپ ئاتايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەردىن «ۋېينامە» دېگەن كىتابتا «قۇجۇ ئالدىنقى قۇس پادىشاھلىقى دۆلىتىنىڭ قەدىمكى يۇرتى ئىدى» ... «خەلقى كۆپ، باياشات» شۇڭا «قۇجۇ» دېيىلىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. تۇرپان ۋېي سۇلالىسى دەۋرىگە يەتكەندە «قۇجۇ» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. بۇ ھەم ئەينى زامان دەۋرىدىكى ئانا يۇرتىمىز «تۇرپان»نىڭ نامى. «جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخىي»دا «قۇجۇ دۆلىتى دەسلەپتە، قۇسلارنى ئاساس قىلغانىدى ... توپىدىن سېپىل سوقۇپ، ياغاچتىن ئۆي ياساپ، ئۈستىنى توپا بىلەن ياپاتتى» دەپ خاتىرىلىگەنىدى. بۇ تارىخىي خاتىرىدە مىلادى 4—5– ئەسىرلەردىكى «تۇرپان» رايونىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالى ناھايىتى ئىخچام بايان قىلىنغان. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە 10– ئەسىرلەردە (مىلادى 970– يىللار)دا يېزىلغان خوتەن تارىخلىرىدا يۇرتىمىز تۇرپان ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن. خوتەن تارىخنامىلىرىدا، ئەينى دەۋرلەردىكى «تۇرپان»نى خوتەننىڭ ئاشۇ زامانلاردىكى يەرلىك تىلى بويىچە «دوربان» دەپ ئاتايدىغانلىقى ھەم شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدە تۇرپاننى «قۇجۇ» دەپ خاتىرىلىگەنىدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تارىخلاردا يەنە داۋاملىق «قۇجۇ» دەپ خاتىرىلەندى، بىراق يۈەن دەۋرىگە كەلگەندە ئىشلەتكەن قۇجۇ دېگەن ئىككى خەت ئىلگىرى ئىشلەتكەن خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىكى خەتلەرگە پەقەت ئوخشىماي قالدى، يەنى تۇرپان «火州» دېگەن ئىككى خەت بىلەن خاتىرىلەندى، بىراق بۇ خەتلەر پەقەت «قۇجۇ» دېگەن ئۇيغۇرچە نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىنلا ئىبارەت، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خەتنى خاتا ھالدا «ئوت يۇرتى» دەپ تەرجىمە قىلدى (بۇ يەردە ئاساسەن تۇرپاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۆزدە تۇرۇلغان). دېمەك، قانداق خاتىرىلەنمىسۇن، ھەر قانداق تەلەپپۇز قىلىنمىسۇن، بۇلارنىڭ قايسىسىلا بولمىسۇن ئوخشاشلا قەدىمكى دىيارىمىز، ئانا ماكانىمىز «تۇرپان»نىڭ نامى ئىكەنلىكىدە قىلچە گۇمان يوق. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى تارىخچىلار «تۇرپان» دېگەن نامغا قارىتا «ئويمانلىق» دەپ تەبىر بەرگەن. بولۇپمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرىغا كەلگەندە، تارىخچى ۋاڭ شۇيۇڭ ئەپەندى، «غەربىي يۇرت تىللىرى» دېگەن ئەسىرىدە، تىللارنى تەتقىق قىلىپ، «تۇرپان» دېگەن سۆزنى، بۇ سۆز، غەربىي يۇرتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، شۇڭلاشقا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئويمانلىق» دېگەن مەنىدە دەپ تەبىر بەرگەن. دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ، «تىرەن»، «تۆۋەن»، «تېگى»، «تۈۋى»، «تۇر»، «پان» دېگەن تىللىرىمىز بار، بۇ سۆزلەرنىڭ گەرچە ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشىمىسىمۇ بىراق، مەنە جەھەتتىن بىر – بىرىگە ئىنتايىن يېقىن. دېمەك، ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان مەنىداش سۆزلەر «تۇرپان» دېگەن بۇ سۆز بىلەن يېقىن مەنىداش كېلىدۇ. ئېھتىمال بۇ سۆز تارىختىكى تىل تەرەققىياتىمىزغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، تىرەن ياكى تۆۋەن سۆزدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن ياكى «تۇر» «پان» دېگەن سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «تىرەن»، «تۆۋەن» دېگەن سۆزنى ئالىدىغان بولساق، تۇرپان ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۇرپان دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن تۇرىدۇ. تۇرپان دېگەن ئاتالغۇ تىرەن ياكى تۆۋەن سۆزنىڭ ئاساسىدا ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلغان خاس نامى بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا «ئويمانلىق» دېگەن مەنە ئېيتىلغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، دېمەك غەربىي يۇرت تىللىرى دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل قائىدىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ناھايىتى ھۆرمەت قىلغان. دېمەك، بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «قۇس»، «غۇز»، «قۇجۇ»، «قارا»، «خوجۇ»، «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى تارىخ داۋامىدا تۇرپانغا بېرىلگەن ناملار. بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان تىللىرىمىزدىن «تۇر» دېگەن بۇ سۆز بەلگە، نىشان، يۇرت، مەھەللە، شەھەر، دۆلەت دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە، «پان» سۆزى، ئۇلۇغ، بۈيۈك، زور، گۈزەل قۇدرەتلىك دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئەگەر بۇ ئىككى سۆز ئۆزئارا بىرىكسە «بۈيۈك دۆلەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك يۇرتىمىز ئەزەلدىنلا مۇھىم قاتناش لىنىيىسىگە قۇرۇلغانلىقى، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبلىك، رولى ۋە ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن قەدىمكى زامانلاردا «ئۇلۇغ دۆلەت» دەپ ئاتالغان بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. يۇقىرىدا بىز تەكىتلىگەن يۇرتىمىزنىڭ ھەر خىل ناملىرى بەزىدە ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ نامى بولۇپ خاتىرىلەنسە، بەزىدە تۇرپان ئويمانلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى قۇرغان ھاكىمىيەتلەر، خانلىقلارنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەن، بەزىدە غەربىي يۇرتتىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى بولۇپ ئاتالسا، بەزىدە غەربىي دىياردىكى بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلدى. شۇڭا بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنى مەيلى مىللەت نامىدا ئاتالسۇن، مەيلى دۆلەت نامىدا ئاتالسۇن ياكى يەر – جاي نامىدا ئاتالسۇن، بىر – بىرىدىن ئايرىپ قاراش ئەسلا تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ ئىسىملار ۋە ناملار تارىختا بۇ قەدىمكى ماكاندا ياشىغان مىللەتلەر بىلەن بۇ ماكاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەرنى بىر – بىرى بىلەن مۇستەھكەم تۇتاشتۇرۇپ، بىرىنى يەنە بىرىگە چوڭ باغلاپ كەلگەن. شۇڭا بۇ نام ۋە ئىسىملارنى مىللەتنىڭ نامى دەپ چۈشىنىشكىمۇ ياكى دۆلەتنىڭ نامى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس. تۇرپان دىيارى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن، كۆپ خىل دىنلار ئۆزئارا ئۇچراشقان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. تۇرپان رايونىدا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر، سوغدى، تۈرك، ئوغۇز، خەنزۇ، تاڭغىت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ۋە تۇرپان ۋادىسىنى بىرلىكتە گۈللەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغانىدى. تۇرپان ئويمانلىقىدا تارىختا ياشىغان باشقا مىللەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قەدىمكى تۇرپاننى قۇرۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مەنبە: «تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، ئابلىم قېييۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 71.4% نى، خەنزۇلار 20.75% نى، باشقا مىللەتلەر 7.85% نى تەشكىل قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار مىڭ ئۆي توغرسىىدا 2008-10-01 مىللىتىمىزدىن چىققان تۆھپىكار، ئۈلگىلەر 2008-09-30 < جۇڭغار ئويمانلىقى > دىگەن نام توغرىسىدا. 2008-09-29 3. قۇملۇقتىكى كارۋانلار يېپەك يولىنى قانداق كېزىپ چىقتى ؟ 2008-09-27 2.. بوستانلىق ۋادىلاردا نېمە ئۈچۈن شەھەرلەر بەرپا بولىدۇ 2008-09-27


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى