يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
Kaidu river yanqi xinjiang.jpg

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خېجىڭنىڭ يەر مايدانى 2،429 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 120،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

يەنجى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايوندىكى كىنگىت (يەنجى) دۆلىتى ئىدى ۋە غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارايتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە كىنگىت قورغىنى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، نامى قاراشەھەرگە ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى ( 1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) يەنجى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە نازارەت مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى كىنگىت مەھكىمىسى ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) ۋىلايەت تارمىقىدا يەنجى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. كېيىن يەنە يەنجى مەمۇرىي رايونىغا ۋە 8 - رايونغا ئۆزگەرتىلگەن. 1954 - يىلى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى باغراش ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كورلا شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 131.1 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 64.8 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 1868 كۋادرات كىلومېتىر. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىگە 1 بازار، 7 يېزا، 45 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ 2 تۇەن مەيدانى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 412 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 109 مىڭ 900. بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار 23.11% نى، خەنزۇلار 44.4% نى، ئۇيغۇرلار 29.03% نى، باشقا مىللەتلەر 3.37% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى پەس. ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. پەۋقۇلئاددە تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 52.36% نى، تۈزلەڭلىك 47.64% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق سۇ مىقدارى 3 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى مىقدارى 4 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 4.9 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھاۋايۋاناتلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈر تۇرنا، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، قانتېپەر قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، كۇۋارتس، خرۇستال، چىرىمتال، تاشپاختا، مىس، بېرىل قاتارلىقلار بار. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.9℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 38.0℃ غا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 35.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 7.48 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3138.1 سائەت، 10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 3404.0℃، قىروسىز مەزگىل 167 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 64.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1949.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 17 مىڭ 600 گېكتار (264 مىڭ 300 مو) تېرىلغۇ يەر، 44 مىڭ 700 گېكتار ( 670 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 105 مىڭ 700 گېكتار ( 86 مىڭ مو) ئورمانلىق، 149 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 235 مىڭ مو) ئوتلاق بار، چارۋىدىن كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. داڭلىق قاراشەھەر ئېتى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا <تۇلپار> دەپ نام ئالغان. سانائەت جەھەتتە شىكەرچىلىك، كۆن - خۇرۇم، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋە 314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. پوچتا تېلېگراف، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى قولايلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ ئوپتىكىلىق غول لىنىيىسى بولغان يەنجى - كورلا لىنىيىسى رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى. پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن مىڭئۆي، شگازى قەدىمىي بۇتخانىسى خارابىسى، خەن، تاڭ قەدىمكى شەھىرى، تاڭ پادىشاھى قەلئەسى، بۇغدا چىڭ قەدىمكى شەھىرى، سېفىنىش كۆلى ساياھەت نۇقتىسى، قاراشەھەر دەرياسى باغچىسى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى