قەشقەر ۋىلايىتى

ئورنى Wikipedia
قەشقەر ۋىلايىتى

قەشقەر ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ۋىلايەت 2000 نوپۇس بار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3،405،713 نوپۇسى بار، 139،077 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاشقان، شىمالى كەڭلىك 39.45°، شەرىقى ئۇزۇنلۇك 75°98.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى، غەربىي شىمال تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، ئافغانىستان، كەشىمر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 888 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى 141 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر شەھەر، 11 ناھىيە (يەنى قەشقەر شەھىرى، قەقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، يۇپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇ بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ شتابى ۋە 21 - تۇەن - مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1473 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 82 مىڭ 400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 89.7% نى، خەنزۇلار 8.82% نى، باشقا مىللەتلەر 1.47% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: غەربتىن شەرققە قىيپاش، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تاغ يېرى 57.1% (دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى چوگىر چوققىسى مەشھۇر تاغ چوققىسىدۇر). تۈزلەڭلىك 23% نى، قۇرم - چۆل 19% نى، سۇ كۆلىمى 0.9% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق ئاساسلىق دەرياللار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 7 مىليارد 230 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 8 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، ياۋا ئات، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى چۈچۈكبۇيا، كىرەش، تورسۇلداق، قارلەيلىسى، ئالقات، پاقا يوپۇرماق، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىرىدىن ئاساسلىق تۆمۈر، ۋانادىي، فوسفور، بېرىلىي، سىنىك، تىتان، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، نېفىت، ئالماس، تاش پاختا، ئاق مەرمەر تاش، گەژ، چىرىمتال، تەبىئىي گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃ - 11.7℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 39.1℃. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2750 - 3000 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى تۈزلەڭلىك رايونلاردا 4000℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 - 240 كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 40 - 100 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 - 2700 مىللىمېتىر بولىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدە يېزا ئىگىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 393 مىڭ 500 گېكتار ( 5 مىليون 902 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 332 مىڭ 500 گېكتار ( 4 مىليون 988 مىڭ مو) ئورمان، 2 مىليون 362 مىڭ 700 گېكتار ( 35 مىليون 440 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 1 مىليون 94 مىڭ 700 گېكتار (16 مىليون 420 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. 282 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون 240 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىق بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، قىچا، كۈنجۈت، خۇاسېڭ، ماش - پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئاساسلىقى قوي، كالا، ئات، ئېشەك، قېچىر، چوشقا قاتارلىقلار بار، ئاساسلىقى پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، كۆن - خۇرۇم، گىلەم، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائىتى بار. نېفىت قېزىشتا ئىستىقبالى پارلاق، ھازىر قاغىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە كۆكيار نېفىتلىكى بار. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 -، 315 - لىنىيىسى ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ەشقەر شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. پروگراممىلىق تېلېفون قويدۇرغان ئابونت 28 مىڭ 100 ئائىلىگە يەتتى. كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپا بويىچە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. قونجىراپ ئېغىزى دۆلىتىمىز پاكىستان ۋە 3 - دۆلەتكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم خەلقئارا ئېغىز.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

تارىخ[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى، پۇلى، يەكەن، زىفې، شىيې دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 25 - يىلى ( 1760 - يىلى) قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامبال قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قەشقەر لەشكىرىي ئىشلار دوتىيى قويۇلغان. مىنگو دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 - (قەشقەر)، 10 - (يەكەن) مەمۇرىي رايۇن قۇرۇلغان. مىنگو 32 - يىلى ( 1943 ) مەمۇرىي رايون مەمۇرىي مۇپەتتىش ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ۋە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاتۇش ناھىيىسى بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن باشقا ناھىيە، شەھەر بىۋاسىتە جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. 1956 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى بىلەن يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1979 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.

نوپۇس ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى. تەۋەسىدە ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئاپئاق غۇجازىرى، (ئىپارخان مازىرىمۇ دېيىلىدۇ)، ھېيتكار جامەسى، ئەسكى ھېسار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، <قۇتاتقۇبلىك> نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى، بەنچاۋ شەھىرى خاراببىسى، خانىئۆي قەدىمكى قەلئەسى، <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى. شېھىتىيار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، توققۇز ساراي قەدىمكى قەلئەسى خارابىسى قاتارلىقلار بار.

توشۇش[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى