ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى

ئورنى Wikipedia


Ilipicture.jpg
ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى
Vereshchagin-Ruins-of-the-Theater-in-Chuguchak.jpg

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2000 نوپۇس بار، ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىنىڭ 3،880،000 نوپۇسىبار، 273،200 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 44.26°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 84°59.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ئىلى ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىيى قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋىلايىتى، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي قىسمى بورتالا موڭغۇل ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 432 كىلومېتىر). شەرقىدن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 56 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، ۋىلايەتكە بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، كۈنەس ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى) قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ شتابى ۋە 19 يېزا ئىگىلىك - دېھقانچىلىق تۇەن - مەيدانلىرى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 965 مىڭ 800 بولۇپ، ئۇيغۇرلار% 26.8 نى، خەنزۇلار% 32.8 نى، قازاقلار% 23.1 ىنى، باشقا مىللەتلەر% 17.28 تەشكىل قىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز ھەم تار، غەربىي پەس ھەم كەڭ بولۇپ، تاغلىق جايلار% 68.54 نى، ئېدىرلىق 10.31% نى، تۈزلەڭلىك% 21.15 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريا - ئېقىنلاردىن ئىلى دەرياسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 14 مىليارد 550 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 4 مىليارد 945 مىليون كۇب مېتىر، يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قىزىل تۈلكە، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، ھىڭ، قار لەيلىسى، چوغلۇق، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، ھاك تېشى، خرۇستال قاتارلىقلار بار. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا، مۆتىدىل سوغۇق بەلۋاغنىڭ نەم كىلىمات ئىقلىمىغا، سوغۇق بەلۋاغنىڭ نەم كىلىمات ئىقلىمىغا ۋە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 2.9 ~℃ 9.1، ئەڭ يۇقىرى تېمېپىراتۇرا℃ 40.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃ 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 130 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى، دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر؛ دەريا ساھىللىرنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونلار ۋە ئوچۇق ئويمانلىقلارنىڭ 350 ~ 800 مىلىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1260 ~ 0190 مىللىمېتىر. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 303 مىڭ 200 مو) تېرىلغۇ يەر، 407 مىڭ 300 گېكتار (6 مىليون 110 مىڭ مو) ئورمانلىق، 3 مىليون 419 مىڭ 300 گېكتار (51 مىليون 290 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 4 مىليون 900 مىڭ گېكتار (73 مىليون 500 مىڭ مو) بوز يەر بار. ئاساسىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، زىغىر، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. زىغىر، تاماكا، ئالما قاتارلىقلار ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بۇلاردىن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بىر قەدەر داڭلىق. يۇڭ توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق، كەندىر توقۇمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، كۆمۈركان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 231 -، 218 - لىنىيىلىرى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. غۇلجا شەھىرىدە يەنە قەرەللىك ھالدا بىۋاسىتە ئالمائاتاغا بارىدىغان خەلقئارالىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بار. غۇلجا ئايرودرومىغا ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى ئايروپىلان قونالايدۇ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئاسىيا، ياۋروپا نۇر كابىلىنىڭ ئۈرۈمچى - ئىلى بۆلىكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، شەھەر، ناھىيىلەردىكى تېلېاونلار پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پروگراممىلىق تېلېفون 67 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. بۇ ۋىلايەتتىكى قورغاس، دۆلەت، مۇزارتتىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك ر - دەرىجىلىك پورت ە غۇلجا يولوچىلار قاتناش بېكىتىدىن ئىبارەت 2 - دەرىجىلىك پورت ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ قالدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئۇسۇن توپا قەبرىستانلىقى، ئالمىلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى. تۇغلۇق تۆمۈر خان مازىرى، سۇلتان ئۇۋەيسىخان مازىرى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىقلار بار، كىچىك يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى، تاڭبالو ئارشىڭى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.℃ 40.2 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃ 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 130 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى، دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر؛ دەريا ساھىللىرنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونلار ۋە ئوچۇق ئويمانلىقلارنىڭ 350 ~ 800 مىلىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1260 ~ 0190 مىللىمېتىر. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 303 مىڭ 200 مو) تېرىلغۇ يەر، 407 مىڭ 300 گېكتار (6 مىليون 110 مىڭ مو) ئورمانلىق، 3 مىليون 419 مىڭ 300 گېكتار (51 مىليون 290 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 4 مىليون 900 مىڭ گېكتار (73 مىليون 500 مىڭ مو) بوز يەر بار. ئاساسىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، زىغىر، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. زىغىر، تاماكا، ئالما قاتارلىقلار ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بۇلاردىن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بىر قەدەر داڭلىق. يۇڭ توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق، كەندىر توقۇمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، كۆمۈركان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 231 -، 218 - لىنىيىلىرى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. غۇلجا شەھىرىدە يەنە قەرەللىك ھالدا بىۋاسىتە ئالمائاتاغا بارىدىغان خەلقئارالىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بار. غۇلجا ئايرودرومىغا ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى ئايروپىلان قونالايدۇ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئاسىيا، ياۋروپا نۇر كابىلىنىڭ ئۈرۈمچى - ئىلى بۆلىكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، شەھەر، ناھىيىلەردىكى تېلېاونلار پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پروگراممىلىق تېلېفون 67 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. بۇ ۋىلايەتتىكى قورغاس، دۆلەت، مۇزارتتىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك ر - دەرىجىلىك پورت ە غۇلجا يولوچىلار قاتناش بېكىتىدىن ئىبارەت 2 - دەرىجىلىك پورت ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ قالدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئۇسۇن توپا قەبرىستانلىقى، ئالمىلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى. تۇغلۇق تۆمۈر خان مازىرى، سۇلتان ئۇۋەيسىخان مازىرى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىقلار بار، كىچىك يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى، تاڭبالو ئارشىڭى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

تارىخ[تەھرىرلەش]

ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرلىرىدىن قىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن ۋە ھونلارنىڭ يېرى ئىدى. سۈي ۋە تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولۇپ، بېشبالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ دەۋرىدە ئۇيراق موڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. مىڭ دەۋرىدە ئۇيرات مۇڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 25 - يىلى (1760 - يىلى) ئىلىدا مەسلىھەت ۋەزىرى ۋە ئىش بېجىرىش ۋەزىرى تۇرۇغۇزۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) ئىلى جياڭجۈنى تەيىنلەنگەن. ئۇ، كۈرەقەلئەسىدە تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان، ئىلى مەھكىمىسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى ئايرىلىپ، ئىلى دوتەيلىكى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 01 - يىلى (1921 - يىلى) 2 - مەمۇرىي رايونغا ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 27 - يىلى (9381 - يىلى) ئىلى ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 5195 - يىلى ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭغا قاراشلىق ناھىيە - شەھەرلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قارايدىغان بولغان. 1975 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئورگىنى كۈيتۈن شەھىرىگە يۆتكىلىپ ئىلى ۋىلايىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1979 - يىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئورگىنى شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەم ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1984 - يىلى ئىلى ۋىلايىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

توشۇش[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

Flag of the People's Republic of China.svg
ۋىلايەت\ئوبلاست\شەھەر ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
بىۋاستە قاراشلىق شەھەر: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئىلى ۋىلايىتى: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى