ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

ئورنى Wikipedia
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

伊犁哈萨克自治州.Ili Kazakh Autonomous Prefecture

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ئاپتونوم ئوبلاست
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
مىللەتلەر ئۇيغۇر، قازاق
تىللار ئۇيغۇرچە قازاقچە
شەھەر سانى 6 دانە
ناھىيە سانى 19 دانە
نوپۇسى (2015-يىل) 2,810,000 [1]
يەر مەيدانى 278,851.95 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 908(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新D,新F,新G,新H

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Ili Qazaq Aptonom Oblasti)بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست، 3 مىليۇنغا يېقىن نوپۇسى بار. شەرقىي جەنۇبىي قىسمى بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي قىسمى بورتالا موڭغۇل ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 432 كىلومېتىر). شەرقىدن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 56 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، ۋىلايەتكە بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، كۈنەس ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى) قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ شتابى ۋە 19 يېزا ئىگىلىك - دېھقانچىلىق تۇەن - مەيدانلىرى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز ھەم تار، غەربىي پەس ھەم كەڭ بولۇپ، تاغلىق جايلار% 68.54 نى، ئېدىرلىق 10.31% نى، تۈزلەڭلىك% 21.15 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريا - ئېقىنلاردىن ئىلى دەرياسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 14 مىليارد 550 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 4 مىليارد 945 مىليون كۇب مېتىر، يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قىزىل تۈلكە، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، ھىڭ، قار لەيلىسى، چوغلۇق، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، ھاك تېشى، خرۇستال قاتارلىقلار بار.

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
40.1%
قازاقلار
27.2%
ئۇيغۇرلار
17.9%
خۇيزۇلار
9.3%
موڭغۇللار
1.6%
شىبەلار
0.7%
قىرغىلار
0.5%
ئۆزبېكلار
0.2%
باشقا مىللەتلار
2.5%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [2]


ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستقا بىۋاستە
قاراشلىق رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
35.2%
ئۇيغۇرلار
26.3%
قازاقلار
21.6%
خۇيزۇلار
10.9%
موڭغۇللار
1.1%
شىبەلار
1.1%
قىرغىلار
0.7%
ئۆزبېكلار
0.3%
باشقا مىللەتلار
2.8%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [3]

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا، مۆتىدىل سوغۇق بەلۋاغنىڭ نەم كىلىمات ئىقلىمىغا، سوغۇق بەلۋاغنىڭ نەم كىلىمات ئىقلىمىغا ۋە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 2.9 ~℃ 9.1، ئەڭ يۇقىرى تېمېپىراتۇرا℃ 40.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃ 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 130 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى، دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر؛ دەريا ساھىللىرنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونلار ۋە ئوچۇق ئويمانلىقلارنىڭ 350 ~ 800 مىلىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1260 ~ 0190 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 303 مىڭ 200 مو) تېرىلغۇ يەر، 407 مىڭ 300 گېكتار (6 مىليون 110 مىڭ مو) ئورمانلىق، 3 مىليون 419 مىڭ 300 گېكتار (51 مىليون 290 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 4 مىليون 900 مىڭ گېكتار (73 مىليون 500 مىڭ مو) بوز يەر بار. ئاساسىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، زىغىر، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. زىغىر، تاماكا، ئالما قاتارلىقلار ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بۇلاردىن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بىر قەدەر داڭلىق. يۇڭ توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق، كەندىر توقۇمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، كۆمۈركان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 231 -، 218 - لىنىيىلىرى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. غۇلجا شەھىرىدە يەنە قەرەللىك ھالدا بىۋاسىتە ئالمائاتاغا بارىدىغان خەلقئارالىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بار. غۇلجا ئايرودرومىغا ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى ئايروپىلان قونالايدۇ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئاسىيا، ياۋروپا نۇر كابىلىنىڭ ئۈرۈمچى - ئىلى بۆلىكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، شەھەر، ناھىيىلەردىكى تېلېاونلار پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پروگراممىلىق تېلېفون 67 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. بۇ ۋىلايەتتىكى قورغاس، دۆلەت، مۇزارتتىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك ر - دەرىجىلىك پورت ە غۇلجا يولوچىلار قاتناش بېكىتىدىن ئىبارەت 2 - دەرىجىلىك پورت ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ قالدى.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئۇسۇن توپا قەبرىستانلىقى، ئالمىلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى. تۇغلۇق تۆمۈر خان مازىرى، سۇلتان ئۇۋەيسىخان مازىرى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىقلار بار، كىچىك يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى، تاڭبالو ئارشىڭى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.℃ 40.2 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃ 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 130 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى، دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر؛ دەريا ساھىللىرنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونلار ۋە ئوچۇق ئويمانلىقلارنىڭ 350 ~ 800 مىلىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1260 ~ 0190 مىللىمېتىر.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-18.
  2. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.
  3. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.