كونا شەھەر ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
كونا شەھەر ناھىيىسى

疏附县.Konasheher County

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 4 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس 360 مىڭ
يەر مەيدانى 3,482.95 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەيزىۋات ناھىيىسى، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ، شىمالىي تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 113 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 4140.7 كۋادرات كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي-شىمالدىن شەرقىي ەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ ماڭىدۇ. جەنۇب، شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى قىزىل دەرياسى بىلەن گەز دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنمىسىدىن شەكىللەنگەن تىنما تۈزلەڭلىك، ئومۇمىي كۆلىمىدە تاغلىق يەر % 54.4 نى، چۆللۈك % 5.7 نى، تۈزلەڭلىك % 39.9 نى ئىگىلەيدۇ. دەريا ئېقىنلىرىدىن قىزىل دەرياسى، گەز دەرياسى، چاقماق دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ ئېقىش مىقدارى 859 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 884 مىليون كۇب مېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 توققۇزاق بازىرى Toqquzaq baziri Toqquzaq town 托克扎克镇 11 34 8.7
2 ئوغۇساق بازىرى Oghusaq baziri Oghusaq town 吾库萨克镇 8 15 17.5
3 لەڭگەر بازىرى Lengger baziri Lengger town 兰干镇 11 19 21.2
4 ئوپال بازىرى Opal baziri Opal town 乌帕尔镇 17 34 34.7
5 زەمىن يېزىسى Zemin yëzisi Zemin town 站敏乡 19 22.5 221.1
6 مۇش يېزىسى Mush yëzisi Mush town 木什乡 9 14.6 692.3
7 سايباغ يېزىسى Saybagh yëzisi Saybagh town 萨依巴格乡 16 23 ?
8 بۇلاقسۇ يېزىسى Bulaqsu yëzisi Bulaqsu town 布拉克苏乡 16 38.3 47.3
9 تېرىم يېزىسى Tërim yëzisi Tërim town 铁日木乡 4 5.1 50
10 تاشمىلىق يېزىسى Tashmiliq yëzisi Tashmiliq town 塔什米里克乡 15 28 333.14

ئىزاھات:

  • 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى لەڭگەر يېزىسى لەڭگەر بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
  • 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئوغۇساق يېزىسى ئوغۇساق بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
  • 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئوپال يېزىسى ئوپال بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

ياۋايى ھايۋنات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول. 31 خىل دەرەخ ئائىلىسى بويىچە 108 خىل دەل-دەرەخ بار. بۇنىڭ ئىچىدە دورا ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغىنى 100 خىلدىن ئاشىدۇ. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن ئالتۇن، تۇز، گەز، ھاك قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 121 10، يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 39.6، تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-25.2. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2870.6 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 72.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2537.8 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 42 مىڭ 500 گېكتار(637 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 56 مىڭ 900 گېكتار(853 مىڭ 500 مو) ئوتلاق، 33 مىڭ گېكتار(495 مىڭ مو) ئورمان، 13 مىڭ 600 گېكتار(204 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 10 مىڭ گېكتار(150 مىڭ مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، ماش-پۇرچاق، قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋچىلىقتا كالا، قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش ۋە مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 314-لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر-يېزا تاشيولى تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. 1200 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى