مەكىت ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
مەكىت ناھىيىسى

麦盖提县.Mekit County

مەكىت ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 8 دانە
نوپۇس (2017-يىل) 272،010 [1]
يەر مەيدانى 11022.53 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەكىت ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Mekit Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. مەكىت ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 9 يېزا، 130 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىككى ھەربىي قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1384 كىلومېتىر.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسىنىڭ تىندۇرمىسىدىن ھاسىل بولغان يەلپۈگۈچسىمان بوستان تۈزلەڭلىك، يەر تۈزۈلۈشى تۈز. بوستانلىق 19.7% نى، قۇملۇق 80.3% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدىن زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 649 مىليون كۇب مېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 8 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 مەكىت بازىرى Mekit Baziri Mekit Town 麦盖提镇 9 50
2 بازارجەمى بازىرى Bazarjemi Baziri Bazarjemi Town 巴扎结米镇 16 23 3424
3 قۇمقىسار يېزىسى Qumqisar Yézisi Qumqisar Township 库木库萨尔乡 12 14 26
4 غازكۆل يېزىسى Ghazköl Yézisi Ghazkol Township 尕孜库勒乡 20 26 53.3
5 قىزىلئاۋات يېزىسى Qizilawat Yézisi Qizilawat Township 克孜勒阿瓦提乡 19 26 ؟
6 ھاڭغىتلىق يېزىسى Hangghitliq Yézisi Hangghitliq Township 昂格特勒克乡 4 6 ؟
7 شېھىتدۆڭ يېزىسى Shéhitdöng Yézisi Shehitdong Township 希依提墩乡 13 13.6
8 يانتاق يېزىسى Yantaq Yézisi Yantaq Township 央塔克乡 23 32
9 تۈمەنتال يېزىسى Tümental Yézisi Tumental Township 吐曼塔勒乡 14 25
10 قۇرما يېزىسى Qurma Yézisi Qurma Township 库尔玛乡 8 14 ؟

’’’ئىزاھات:’’’

MARKIT MAI-KAI-T'I (DMA, 1980)

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

بايلىقى[تەھرىرلەش]

ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن تارىم بۇغىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، تۇز، گەژ، ھېقىق قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

مەكىت ناھىيىسى مۆتىدىلك بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.1℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2805.9 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4285.2℃. قىروسىز مەزگىلى 215 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 39.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2349.3 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 33 مىڭ 600 گېكتار (504 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 24 مىڭ 700 گېكتار (370 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان، 150 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 250 مىڭ مو) ئوتلاق، 38 مىڭ گېكتار (570 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈكى روشەن. 1986 - يىلى بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەكىت دولان قويى داڭلىق. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش - ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-18.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى