قۇتۇبى ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
قۇتۇبى ناھىيىسى

قۇتۇبى ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. قۇتۇبىنىڭ يەر مايدانى 9،476 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 210،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

قۇتۇبى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقىي قىما، ئوتتەنزىل، جىگونىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسى چەنلوڭنىڭ 29 - يىلى (1764) سەييارە ئامبال مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. گۇۋاڭشۇنىڭ 29 - يىلى (1903 - يىلى) دىن تارتىپ ياردەمچى ئامبال مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) قۇتۇبى ناھىيىسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 36 - يىلى (1947 - يىلى) ناھىيە نامى جىڭخۇاغا ئۆزگەرتىلگەن، 1954 - يىلى يەنە قۇتۇبىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

قۇتۇبى ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىم شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە سانجى شەھىرى، غەربتە ماناس ناھىيىسى، جەنۇبتا خوشۇت ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 52 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 258 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8743.5 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 4 بازار، 3 يېزا، 40 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ 4 تۇۋەن - مەيدانى، چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ نەسىللىك كالا فېرمىسى، شىنجاڭ غەربىي رايونىنىڭ خۇڭفۇ دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 76 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 187 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 7.15% نى، خەنزۇلار %76.66 نى، ئۇيغۇرلار %3.34 نى، قازاقلار 12.12% نى، باشقا مىللەتلەر  % 0.73 ئىگىلەيدۇ.

يەر شەكلى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك، شىمالىي قىسمى قۇملۇق. تاغلىق %31.6 نى، تۈزلەڭلىك %43.2 نى، قۇملۇق 25.2% نى ئىگىلەيدۇ. دەريالاردىن قۇتۇبى دەرياسى، چۆرگۈ دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 390 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 262 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن يىلىپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ياۋا توڭگۇز، ئۇلار، تاغ كەكلىكى، ئاققۇ، ياۋا غاز، مۈشۈك ياپىلاق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن شامشات، قارىياغاچ، جىگدە، سوغىگۈل، قارلەيلىسى، ئالغات، قان تېپەر، مەرزەنجۇش، چۈچۈك بۇيا، ئاق چوغلۇق، زاراڭزا، كەۋرەك قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، نېفىت، ئالتۇن، قاشتېشى، خرۇستال، ھاك تېشى، تۆمۈر، ئاليومىن قاتارلىقلار بار. قۇتۇبى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 38.8 ℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 73.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3089.9 ℃ سائەت، ℃10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى ℃3561.3، قىروسىز مەزگىل 173 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ℃164.5 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى. 22341.2 مىللىمېتىر. قۇتۇبى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ناھىيە. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 36 مىڭ 700 گېكتار (550 مىڭ مو)، ئورمان 34 مىڭ 500 گېكتار (523 مىڭ مو)، يايلاق 730 مىڭ 900 گېكتار (15 مىليون 585 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 57 مىڭ گېكتار بوز يەر (855 مىڭ مو)، يەە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 36 مىڭ 900 گېكتار بوز يەر (553 مىڭ 500 مو) بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، ئاققۇناق، سۆك، تېرىق، پۇرچاق، ئات، چوشقا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت تۈرلىرىدىن پاختا توقۇمچىلىق، ھاراقچىلىق، كۆن - خۇرۇم، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قۇتۇبىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخىشلانماقتا. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە 312 - دۆلەت يولى، 201 - ئۆلكە يولى، قۇتۇبى - فاڭساۋخۇ تاشيولى ناھىيە چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتوتېلېگراف ئېچىلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كاڭجىيا شىمىنزى قىيا تاش رەسىملىرى، ۋۇگۇڭتەي تۇراسى، جۆلبۆرخۇ تاش ئادىمى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن لاۋباۋەن، شۋۇ شەنجۇاڭ قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى