سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى‎ بولسا شىنجاڭ دىكىبىخاھار 2002 نوپۇس بار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى‎نىڭ 1،503،097 نوپۇسىبار، 77،129 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 44.01°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 87°19.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە قۇمۇل ۋىليىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، غەربتە شىخەنزە شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن، شەرقىي شىمالىدا موڭغۇلىيە بىلەن (چېگرالىنىيىسى 193 كىلومېتىر كېلىدۇ) تۇتىشىدۇ. شەرقىتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 541 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 285 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 77 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاست مەركىزىي بولغان سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەۋەسىدە ئۈچ شەھەر، بەش ناھىيە(يەنى سانجى شەھىرى، مىچۈەن شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، فۇكاڭ ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بار. ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 6 - شى شتابى ۋە يېزا ئىگىلىك، 6 -، 8 - شىسىنىڭ 24 تۇەنى جايلاشقان.

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق %22.7، تۈزلەڭلىك %25.3، قۇملۇق، چۆللۈك % 52 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەرياللاردىن ماناس دەرياسى، تاش دەرياسى، قۇتۇبى دەرياسى، سەنتۈن دەرياسى، تۇدۇنخې دەرياسى، كەيكىن دەرياسى، مورى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 3 مىليارد 285 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 723 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، ياۋا ئات، ياۋا ئېشەك، سايگاڭ بۆكىنى، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى سۇغىگۈل، قان تېپەر، پەربۇن، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان كان بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، خرۇستال، نېفىت، تەبىئىي گاز، ھاك، مىس، ئالتۇن، قاشتېشى قاتارلىق 40 نەچچە خىل بايلىق بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارى مولراق. ئېنىقلانغان زاپاس كۆمۈر مىقدارى 30 مىليارد 800 مىليون توننىغا يېتىدۇ. كۆيۈك تاغ، بېيىسەنتەي، ماجۇاڭ سەينەن قاتارلىق 10 نېفىتلىك بايقالدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ رايونلار ئارا تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭراق. جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تاغ بەلۋاغلىرى مۆتىدىل قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا تاغ بەلۋاغلىرى سوغاق. ئسسىق بەلۋاغ ئاسىيا نەم كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. تاغلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرىچە يىللىق تېمپېراتۇرىسى ℃9 ~ ℃7.0 ، ئەڭ يوقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃43.5 ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃42.6 يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2600 ~ 3200 سائەت، ℃10 يىغىلما تېمپېراتۇرىسى ℃1200 ~ ℃3500، قىروسىز مەزگىلى 180 ~97 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ 500 مىللىمېتىردىن كۆپرەك، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ 300 ~ 120 مىللىمېتىرغىچە؛ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2300 ~ 1400 مىللىمېتىر. بۇ ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يېرى 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 330 مىڭ 500 مو)، ئورمىنى 2 مىليون 238 مىڭ گېكتار (33 مىليون 570 مىڭ مو)، يايلىقى 5 مىليون 780 مىڭ گېكتار (86 مىليون 700 مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 61 مىڭ 400 گېكتار بوز يەر (921 مىڭ مو) بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، شال، كۆممىقۇناق، كېپەز، قىزىلچا، پۇرچاق، مايلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك ۋە يەم - خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق - ئېلېكترون، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تۈرلەردىكى زامانىۋى سانائەت دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇنخى سېمونتى، شىنشۇ باتارىيىسى، سەنتەي ئاق ھارىقى، تەڭرىتاغ گۈڭگۈرتلۈك ئىشقارى، تەڭرىتاغ ئۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەلا مەھسۇلات ياكى داڭلىق مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بۇ قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە 312 -، 621 - دۆلەت يولى بۇ ئوبلاستىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، يولوچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى قاپلاش نىسبىتى %98 كە يېتىدۇ. ئوبلاسىت مەركىزىي سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى بۇ ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون ، كۆچمە خەۋەرلىشىش، گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇلىدىغان سانلىق خەۋەرلىشىش قاتارلىقلار كەينى - كەينىدىن ئشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئوبلاست بويىچە تېلېفون ئالماشتۇرۇش پروگراممىلاشتى، يەتكۈزۈش نۇر كابىللاشتى. مەزكۇر ئوبلاستىغا جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز - ئۇلاستاي ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم ئېغىزلاردىن بىرى. مەزكۇر ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشبالىق قورۇقچىلىق مەھكىمىسى خارابىسى، شىداسى مەسچىتى خارابىسى، قۇتۇبىدىكى تاش دەرۋازا قىيا تاش رەسىملىرى رەسىملىرى توپى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق مەشھۇر سەيلىگاھلىرىدىن ئېگىز تاغدىكى كۆل - بوغدا كۆلى، سىلىكون دىئولىسى ئورمىنى، ۋۇسەيۋەن ئالۋاستى شەھىرى، جىمىسار ياۋا ئاتنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش - كۆپەيتىش فېرمىسى قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

تارىخ[تەھرىرلەش]

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جېگو، بىلو قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ يېرى، شۇنىڭدەك ئۇيسۇنلارنىڭ شەرقىي چېگرىسى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە جۇڭغارلارنىڭ يايلىقى بولغان. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قارىغان.

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 487 - مىڭ 900 بولۇپ، بۇنىڭ ئچىدە خۇيزۇلار %11.29 ، خەنزۇرلار 75.72، باشقا مىللەتلەر %12.9599 نى ئىگىلەيدۇ.

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

توشۇش[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى