دۆربىلجىن ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
دۆربىلجىن ناھىيىسى

دۆربىلجىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. دۆربىلجىننىڭ يەر مايدانى 9،092 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

دۆربىلجىن چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ ئوڭ ئوق يېرى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە فۇيەن تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئىمىل دەپ ئاتىلىپ، ئوگىداي خاننىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. كېيىن بىر تۇتاش بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ تورغۇت قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلىغا، چۆچەك بىۋاسىتە قاراشلىق ئەمىنىيە نازارىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسى، تارباغاتاي مەھكىمىسى، تارباغاتاي ناھىيىسى قارمىقىدا بولغان. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) چۆچەك ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ دۆربىلجىن ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

دۆربىلجىب ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى چۆچەك شەھىرى بىلەن، جەنۇبى تەرىپى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 104 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 123 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 87 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8874 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 1 بازار، 10 يېزا، 147 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شى مەمۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 6 تۇەن - مەيدان بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 581 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 174 مىڭ 200. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 33.59% نى، ئۇيغۇرلار 4.15% نى، خەنزۇلار 54.56% نى، باشقا مىللەتلەر 7.70% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شەرقىي شىمالى ئېگىز، غەربىي جەنۇبى پەس، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، شىمال تەرىپى ئوچۇقچۇلۇق. تاغلىق رايون 54.1% نى تۈزلەڭلىك 45.9% نى ئىگىلەيدۇ. 34 دەرياسى، 55 بۇلىقى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 450 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ساستى سۈيى مىقدارى 380 مىليون كۇب مېتىر، ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، غۇلجا، دۇغداق، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سۇغىگۈل، ئالقۇت، يۇمران بۇغا مۇڭگۈزى، ئالبىزىيە دەرىخى، رەۋەن، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق، مامكاپ قاتارلىقلار بار. بايقالغان بايلىقىدىن كۆمۈر، ھاك تاش، مانگان، گاۋلىن توپىسى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، گرانىت، مەرمەر، سۇكىرىستالى، سۈزۈك كالتىست، مانگان، مولىبدىن، ئارسىن قاتارلىقلار بار. بۇ ناھىيە مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -42.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2835.3 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2892.6℃، قىروسىز مەزگىل 149 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 271.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پايغا ئايلىنىش مىقدارى 1794.6 مىللىمېتىر. دۆربىلجىن ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيە قاتارىغا كىرىدۇ. ھازىر 57 مىڭ گېكتار (855 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 10 مىڭ 500 گېكتار (158 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 699 مڭ 500 گېكتار (10 مىليون 924 مىڭ 500 مو) ئوتلىقى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، ماش - پۇرچاق، قىچا، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، زاراڭزا، قۇلماق، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ئىشلەش، گىلەمچىلىك، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى رېمونتچىلىقى، ھاراق ئىشلەش، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇ ناھىيىنىڭ مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولى 221 - لىنىيىسى ئۇنىڭ ناھىيە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە بىلەن يېزىلارنى ئۈچ غول تاشيول تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. 6000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پەنلىخۇا چەۋەندازلار سۇپىسى، پەنلىخۇا تاش ھەيكىلى، قارائىمىل قەدىمكى تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

Flag of the People's Republic of China.svg
ۋىلايەت\ئوبلاست\شەھەر ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
بىۋاستە قاراشلىق شەھەر: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئىلى ۋىلايىتى: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى