كۆكتاغ رايونى
| كۆكتاغ رايونى
米东区.Köktagh District | |
| مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر ناھىيە |
| ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
| مىللەتلەر | ئۇيغۇر خەنزۇ |
| تىللار | ئۇيغۇرچە خەنزۇچە |
| كوچا باشقارمىسى سانى | 6 دانە |
| بازارلىق سانى | 5 دانە |
| يېزا سانى | 2 دانە |
| نوپۇس | 300 مىڭ |
| يەر مەيدانى | 3,407.42 كۋادرات كىلومېتىر |
| ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
| تېلېفون رايون نومۇرى | 991(0)86+ |
| ماشىنا تاختا نومۇرى | 新A |
كۆكتاغ رايونى (مىدوڭ رايونى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۈرۈمچى شەھىرىگە قارايدۇ. 2007-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەسلىدىكى مىچۈەن ناھىيىسى ۋە ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۇڭسەن رايونى قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي كۆلىمى 3407.42 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ناھىيىگە قاراشلىق 5 بازار، 2 يېزا، 6 كوچا باشقارمىسى، 81 مەمۇرىي كەنت، 48 مەھەللە، رايون ئىچىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 333676 ئادەم.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىر]ئۈرۈمچى شەھىرى كۆكتاغ رايونىدا 6 دانە كوچا باشقارمىسى، 5 دانە بازارلىق ۋە 2 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا بازارلىرى تۆۋەندىكىچە:
| نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) |
| 1 | گۇمۇدى بازىرى | Gumudi baziri | Gumudi town | 古牧地镇 | 15 | 36 |
| 2 | تۆتۈرتام بازىرى | Tömürtam baziri | Tömürtam town | 铁厂沟镇 | 8 | 14 |
| 3 | چاڭسەنزە بازىرى | Changsenze baziri | Changshanzi town | 长山子镇 | 19 | 18 |
| 4 | سەندوبا بازىرى | Sendoba baziri | Sandaoba town | 三道坝镇 | 17 | 11 |
| 5 | ياڭماۋگوڭ بازىرى | Yangmawgung baziri | Yangmaogong town | 羊毛工镇 | 13 | 16 |
| 6 | لۇساۋگۇ يېزىسى | Lusawgu yëzisi | Lucaogou town | 芦草沟乡 | 2 | 14 |
| 7 | بەيياڭخې قازاق يېزىسى | Beyyangxë Qazaq yëzisi | Baiyanghe Kazak town | 柏杨河哈萨克族乡 | 6 | 8 |
تەبىئىي بايلىقلىرى
[تەھرىر]- يەر بايلىقى
2008 - يىلى، مىچۈەن - كۆكتاغ رايونىنىڭ يەر كۆلىمى 3407.42 كۋادرات كىلومېتىر كەلگەن.
- مىنېرال بايلىقى
تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھاك تېشى زاپىسى 1 مىليارد 500 مىليون توننا، شور زاپىسى 2 مىليون 600 مىڭ توننا، كۆمۈر زاپىسى 1 مىليارد 800 مىليون تونناغا يەتكەن.
- سۇ بايلىقى
مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى تەۋەسىدىكى يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 125 مىليون كۇب مېتىر، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى 417 گېكتارغا يەتكەن.
ساياھەت
[تەھرىر]تەڭرىتاغ ئورمان باغچىسى، مىچۇەن شەھەرلىك دۇڭداۋخەيزە كۆلى، مىچۈەن تيەندىيۈەن باغ ھويلىسى، شيامىنزا ساياھەت رايونى قاتارلىقلار بار.
ئىقتىسادى
[تەھرىر]مائارىپى
[تەھرىر]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىر]
