تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى

塔什库尔干塔吉克县.Tashkorgan Tajik Autonomous County

ھۆججەت:Location of Tashkorgan within Xinjiang (China).png
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ئاپتونوم ناھىيە
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

تاجىك

تىللار ئۇيغۇرچە

تاجىكچە

بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 11 دانە
نوپۇسى (2017-يىل) 40,381 [1]
يەر مەيدانى 52،400 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Tashqorghan Tajik Aptonom Nahiyisi) پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب ۋە غەرب تەرىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەشمىر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) ، ئافغانىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 808 كىلومېتىر) . جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 140 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 52 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان يەر 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. قونجىراپ ئېغىزى ناھىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى دەپتەر يېزىسى غا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستان]] نىڭ گىلگىت بالتىستان رايونى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 11 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 تاشقورغان بازىرى Tashqorghan Baziri Tashqorghan Town 塔什库尔干镇 3 9 10
2 تاجىك ئابات بازىرى Tajik Abat Baziri Tajik Abat Town 塔吉克阿巴提镇 4 4.5 ؟
3 تاشقورغان يېزىسى Tashqorghan Yézisi Tashqorghan Township 塔什库尔干乡 5 6 4,606
4 تىزناپ يېزىسى Tiznap Yézisi Tiznap Township 提孜那甫乡 3 3 2,061
5 تاغارما يېزىسى Tagharma Yézisi Tagharma Towship 塔合曼乡 4 3 7,351
6 كۆكيار قىزغىز يېزىسى Kökyar Qirghiz Yézisi Kokyar Kyrgyz Township 科克亚尔柯尔克孜族乡 2 1 ؟
7 بەلدىر يېزىسى Beldir Yézisi Beldir Township 班迪尔乡 3 1.5 5,763
8 ۋەچە يېزىسى Weche Yézisi Weche Township 瓦恰乡 5 3 1,508
9 مارياڭ يېزىسى Maryang Yézisi Maryang Township 马尔洋乡 4 2 7,768
10 قوغۇشلۇق يېزىسى Qoghushluq Yézisi Qoghushluq Township 库科西鲁格乡 4 1.8 4,644
11 داتۇڭ يېزىسى Datung Yézisi Datung Township 大同乡 4 2 2,065
12 بۇرۇمسال يېزىسى Burumsal Yézisi Burumsal Township 布伦木沙乡 2 0.7 590
13 دەپتەر يېزىسى Depter Yézisi Depter Township 达布达尔乡 4 3 11,400

ئىزاھات:


نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
تاجىكلار
82.2%
خەنزۇلار
6.6%
خۇيزۇلار
5.8%
ئۇيغۇرلار
5.2%
باشقا مىللەتلار
0.2%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [2]

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

ناھىيە تەۋەسىنى تاغلار ئورۈپ تۇرىدۇ؛ چوققىلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، مۇز چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يارلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئېدىرلىقلار ئېگىز-پەس بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز، كوئىنلۇن تېغى، قارا قۇرۇم تېغى، ھېندى قۇش تېغى ۋە تەڭرىتېغىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تاغ تىزمىسى مۇشۇ يەردە ھەم دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا-چوگىر چوققىسى بار، ھەم دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولغان «مۇز تاغ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان مۇزتاغ چوققىسى بار. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى بىلەن تاشقورغان دەرياسى بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.3، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-39.1. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2831.0 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 79 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 68.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.5 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-24.
  2. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى