توقسۇ ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
توقسۇ ناھىيىسى

新和县.Toksu County

توقسۇ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 5 دانە
نوپۇسى (2015-يىل) 195,920 [1]
يەر مەيدانى 5,830.99 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

توقسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Toqsu Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. توقسۇ ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 136 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 788 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق ۋە 5 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 توقسۇ بازىرى Toqsu Baziri Toqsu Town 托克苏镇 9 27
2 ئىچئېرىق بازىرى Ichériq Baziri Icheriq Town 依其艾日克镇 21 30 137
3 يۇلتۇزباغ بازىرى Yultuzbagh Baziri Yultuzbagh Town 尤鲁都斯巴格镇 17 20 866.67
4 تاشئېرىق يېزىسى Tashériq Yézisi Tasheriq Township 塔什艾日克乡 15 17 ?
5 پەيشەنبەبازار يېزىسى Peyshenbebazar Yézisi Peyshenbebazar Township 排先拜巴扎乡 15 15.3 61.7
6 ئۆگەن يېزىسى Ögen Yézisi Ogen Township 渭干乡 16 17 476.4
7 ئۈچقات يېزىسى Üchqat Yézisi Üchqat Township 玉奇喀特乡 14 18 573.32
8 تامتوغراق يېزىسى Tamtoghraq Yézisi Tamtoghraq Township 塔木托格拉克乡 9 9.5 ?

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

شىمالى ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكى ۋە غەربى جەنۇبىي قىسىم كەلكۈن تىنمىسى تۈزلەڭلىكى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 13.0% نى، بوستانلىق 21.3% نى، قۇملۇق 65.4% نى، سۇ كۆلىمى 0.3% نى ئىگىلەيدۇ. بىردىنبىر دەرياسى ئۈگەن دەرياسى چېگرا ھالقىغان دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى ئىككى مىليارد 220 مىليون كۇب مېتىر. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى بەش مىليون كبۇ مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 530 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارا لەيلەك، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، مامكاپ قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، تۇز قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ 300 گېكتار ( 484 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 40 مىڭ گېكتار (600 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 113 مىڭ 300 گېكتار (بىر مىليون 700 مىڭ مو). يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 26 مىڭ 700 گېكتار (400 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئارپىبەدىيان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار. مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئارپىبەدىيان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماشىنسازلىق، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

توقسۇ ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.5℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 29.9℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 74.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2880.1 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3995.0℃. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 53.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2027.6 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توغراق ئېقىن مىڭئۆيى، توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى، ئۇچقات قەدىمىي شەھىرى، تاڭ دەۋرىدىكى جېجۆگۇەن قوۋۇقى خارابىسى قاتارلىقلار بار.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-06.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى