كۇچار ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
Kuchar.jpg

كۇچار ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كۇچارنىڭ يەر مايدانى 15،200 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 450،000.

تارىخ[تەھرىر]

كۇچا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتى يېرى بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدە كۇسەن تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) كۇچا بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) ئايماقتىن ئۆزگەرتىلىپ كۇچا ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

كۇچا ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى بۈگۈر، باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 164 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 13 يېزا، 216 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 745 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 354 مىڭ 400 بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.35% نى، خەنزۇلار 9% نى باشقا مىللەتلەر 0.65% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، قەنۇبىي پەس، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ رايونى، (مۇزەتاغ چوققىسى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4553 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي تەرىپى دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن بولغان تۈزلەڭلىك. تاغ يېرى 44% نى، تۈزلەڭلىك 56% نى ئىگىلەيدۇ. كۇچا دەرياسى بىلەن ئۈگەن دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى 592 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 780 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قاقىر شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شىنجاڭ ئارچىسى، مېۋىلىك ئاق تىكەن، تەڭرىتاغ چىتەنى، قارا ئالىقات، ئېگىر، قارا يوپۇرماقلىق جىنتيانا، چىلان، ئوسما يىلتىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، كۋارتس، قۇم، مىس، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسى ئەڭ مول. كۇچا ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -27.4℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 73.8 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2912.4 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300.7℃، قىروسىز مەزگىلى 248 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 64.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2842.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ 200 گېكتار ( 783 مىڭ مو)، ئورمانلىق كۆلىمى 101 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 525 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 380 مىڭ 600 گېكتار (بەش مىليون 709 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا، ئورمان بەرپا قىلىشقا باب كېلىدىغان 341 مىڭ 500 گېكتار (بەش مىليون 122 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى ياساش، پاختا چىقىرىش، كىگىز ئىتىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قاتارلىقلار بار. كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە، دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - ۋە 217 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەلق ئاۋىئاتسىيىنىڭ كۇچادىن كورلا، ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى بار. 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش توغرىغا كىرگۈزۈلدى. كۇچا ناھىيىسىدە دۇنخۇاڭنىڭ غەربى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي بويىچە سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تاش غار بۇتخانىسى، قەدىمكى تۇرا قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن كۇسەن قەدىمكى شەھىرى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى ۋە جاۋخۇلى بۇتخانىسى خارابىسى بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى