پىچان ناھىيىسى
پىچان ناھىيىسى (خەنچە: 鄯善县؛ لاتىن: Piçan Nahiyesi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك ناھىيە بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىگە جايلاشقان پىچان ناھىيەسىنىڭ مەمۇرى كۆلىمى 39٫547.72 كۋادىرات كىلومېتر، 202 - يىلىدىكى نۇپۇسى 242 مىڭ 310 كىشىدۇر.
تارىخ
[تەھرىرلەش]پىچان ئەڭ بۇرۇن ئالدىنقى قانقىل دۆلىتىنىڭ زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ 5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ 36 - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەن (鄯善)گە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.
مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، ئۇ خۇخۇ پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى بولۇپ ، غەربىي رايون قوغداش رايونىغا تەۋە . ئۇ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چېشى پادىشاھلىقىغا كىرگۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى (مىلادىيە 640-يىلى) جېڭگۇەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان 14-يىلى ، گاۋچاڭ پادىشاھلىقى تىنىچلىنىپ ، بۇ رايوندا شىجۇ قۇرۇلدى . شىجۇنىڭ 5 ناھىيەگە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ليۇجوڭ ناھىيىسى (ھازىرقى رۇكچىن) ۋە پۇچاڭ ناھىيىسى (ھازىرقى پىچان بازىرى ئەتراپىدا) ھازىرقى ناھىيەگە جايلاشقان. پۇچاڭ ناھىيىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۇچاڭ ناھىيىسى ۋە ليۇجۇڭ ناھىيىسىدە ئىدى. شيەنتۇڭنىڭ يەتتىنچى يىلى (866) ، ئۇيغۇرلار ئاخىرى شىجوۋنى ئىشغال قىلىپ ، گاۋچاڭ ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنى قۇردى. ئۇ يۈەن سۇلالىسىدىكى رۇچاك دەپ ئاتالغان ، يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلاشقاندا ليۇچېڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ « غەربىي رايونلاردىكى چەتئەللەرنىڭ خاتىرىسى » دە «لۇچېن شەھىرى» خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، ليۇجوڭ شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ھازىر رۇكچىن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭتوڭ دەۋرىدە ئۇ تۇرپانغا كىرگۈزۈلۈپ ، «بىكان» دەپ ئاتالغان. ئىمپېراتور چيەنلۇڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 24-يىلى (1759-يىلى) ، پىچان مىنىستىرلىق ئورنى قۇرۇلدى ، تۇرپاننىڭ ئالتە شەھىرى قۇرۇلدى ، پىچانمۇ شۇلارنىڭ بىرى. ئىمپېراتور گۇاڭشۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىگىرمە سەككىزىنچى يىلى (1902-يىلى) 8-ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ، پىچان تەكشۈرۈشى شەنشەن ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ، بىر سوتچى ۋە بىر تىزىملاتقۇچى بار بولۇپ ، ئۇ تۇرپان جىلى ئىشخانىسىغا قاراشلىق بولغان. 2015-يىلى 4-ئايدا ، تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، شەھەر قۇرۇلدى ، شەنشەن ناھىيىسى تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق بولدى.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىي تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
پىچان ناھىيەسى 5 بازار، 5 يېزا ۋە 81 كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئىبارەت بولۇپ، پىچان تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى 1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار.
ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 187 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 67.63% نى، خەنزۇلار 27.24% نى، باشقا مىللەتلەر 5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى:
[تەھرىرلەش]شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى 7.8% نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6 دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت، 10℃ يىغىندى تېمپېراتۇرا 4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى 263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ.
بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 14 مىڭ 300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 5300 گېكتار (79 مىڭ 500 مو) ئورمان، 312 مىڭ گېكتار (4 مىليون 680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 30 مىڭ گېكتار (450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار.
پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]پىچان يېزىسى، لەمجىن بازىرى، لۈكچۈن بازىرى، دالانكارىز يېزىسى، دىغار يېزىسى
ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئاساسىي قۇرۇلۇش
[تەھرىرلەش]نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]تەربىيە
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىك
[تەھرىرلەش]بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەتتە قىز مازىرى، تويۇق مىڭ ئۆيى، پىچان دۆڭ بازىرى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار بار.
مائارىپ
[تەھرىرلەش]تەنھەرىكەت يىغىنى
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.