لوپ ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
لوپ ناھىيىسى

洛浦县.Lop County

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس 220 مىڭ
يەر مەيدانى 14،287 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈجۈن،王玉军
ھاكىم دىلشات قۇربان
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

لوپ ناھىيەسى ]]تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى چىرا ناھىيىسى]] بىلەن، جەنۇب ۋە غەرب تەرەپلىرى [[خوتەن شەھىرى[[، خوتەن ناھىيىسىۋە قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شىمالى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14287 كۋادرات كىلومېتىر.

تارىخ[تەھرىرلەش]

لۇپ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەك مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) خوتەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماقنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 15 كەنت بىلەن خوتەن ناھىيىسى ئىكىنلەنگەرنىڭ غەربىدىكى 23 كەنىتنى ئايرىپ چىقىپ لوپ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 9 - يىلى (1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 2 - يىلى 7 - مەمۇرىي رايونىغا قارايدىغان بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

لوپ ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب، شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئۈچ بازار، ئالتە يېزا، 238 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى باشقۇرۇشىدىكى لوپ ماخاۋ كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى مۇشۇ يەردە. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1486 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 214 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.65% نى، خەنزۇلار 1.3% نى، باشقا مىللەتلەر 0.05% نى تەشكىل قىلىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

لوپ ناھىيىسىدە ئۈچ بازارلىق، ئالتە يېزا بار بولۇپ، جەمئىي 210 دانە مەمۇرىي كەنتىدىن تەشكىل تاپىدۇ، لوپنىڭ يېزا بازارلىرى تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 لوپ بازىرى Lop Baziri Lop Town 洛浦镇 18 22 38.5
2 سامپۇل بازىرى Sampul Baziri Sampul Town 山普鲁镇 26 30 53.87
3 ھاڭگىيا بازىرى Hanggiya Baziri Hanggiya Town 杭桂镇 38 41 112
4 چارباغ يېزىسى Charbagh Yézisi Charbagh Township 恰尔巴格乡 37 42 288
5 بۇيا يېزىسى Buya Yézisi Buya Township 布牙乡 28 31 73
6 ناۋا يېزىسى Nawa Yézisi Nawa Township 纳瓦乡 13 13
7 دول يېزىسى Dol Yézisi Dol Township 多鲁乡 31 33 63
8 بەشتوغراق يېزىسى Beshtoghraq Yézisi Beshtoghraq Township 巴什托拉格乡 12 6 35
9 ئاچچىق يېزىسى Achchiq Yézisi Achchiq Township 阿其克乡 4 1.5 247.2
لوپ ناھىيىسى (1971)

ئىزاھات:

  • 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاچچىق يېزىسى قۇرۇلغان.
  • 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى سامپۇل يېزىسى سامپۇل بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
  • 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ھاڭگىيا يېزىسى ھاڭگىيا بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس بولۇپ، سوقىسىمان ھالەت شەكىللەنگەن. تاغلىق رايون 10.4% نى، تۈزلەڭلىك بوستانلىق 5.6% نى، قۇملۇق 84% نى ئىگىلەيدۇ. يۇرۇڭقاش دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى، ئوتتۇرا قىر دەرياسى قاتارلىق دەريا بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 649 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 268 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغىنى 80 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، سۇغۇر، ياۋا چوشقا، تىبەت تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، جىگدە، ئاق تىكەن، ئالقات، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، سىڭىرتاش، ھاك تېشى قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

لوپ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 21.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2790 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃، قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 34.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2602 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

لوپ ناھىيىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 24 مىڭ گېكتار ( 359 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 98 مىڭ 200 گېكتار (بىر مىليون 473 مىڭ مو) ئورمان، 99 مىڭ 300 گېكتار (بىر مىليون 490 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 84 مىڭ گېكتار (بىر مىليون 260 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكەن باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، پۇرچاق، ياغلىق گازىر قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەكچىلىك، پاختا چىقىرىش، سېمونت، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە گىلەم بىلەن يەرلىك نۇسخىدىكى <ئەتلەس> بىرقەدەر داڭلىق. لوپ ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان..

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، ئىمامئاسىم مازىرى، سامپۇل قەدىمىي قەلئە قەبرىستانلىقى، ئاچچىق قەدىمكى دەۋر تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى قاتارلىقلار بار. لوپ ناھىيەسىدە ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، راۋاق بۇددا بۇتخانىسى خارابىسى، سامپۇل قەدىمكى قەلئە قەبرىستانلىقى، ياڭاق دەرىخى شاھى، ئەنجۈر دەرىخى شاھى، ئمامئاسىم مازىرى، ئاچچىق قەدىمكى دەۋر تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى ئۈزۈم تېكى شاھى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار.

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى