بەشتوغراق يېزىسى

ئورنى Wikipedia
بەشتوغراق يېزىسى

巴什托拉格乡.Beshtoghraq town

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە لوپ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 12 دانە
نوپۇس 6 مىڭ
يەر مەيدانى 35 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

بەشتوغراق يېزىسى لوپ ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى شەرقىي شىمالغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي چىرا چوڭ چۆللۈكى، غەربىي دول يېزىسى ئويمانيانتاق كەنتى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ئاچچىق تاغ ئالدىدىكى چۆللۈك، شىمالىي تەرىپى تەكلىماكان قۇرغاق چوڭ قۇملۇقى. بوستانلىق قىسمى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 7 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، كۆلىمى 35 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

بەشتوغراق يېزا تاغ ئالدى چۆكۈندى تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولغاچقا، تۆت ئەتراپى قۇملۇق، كۆپ قۇم بارخانلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۈچلۈك، پۈتۈن بىر يىلدا غەربىي شىمال ھۆل-يېغىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃11، يەتتىنچى ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃26، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃7 بولىدۇ. تۇپرىقى قۇمساڭ تۇپراق، چېگرا ئىچىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ، يۇلغۇن، توغراق، ئاق قاڭالتىر، جىگدە قاتارلىقلار، ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

يېزىدا ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 18 مىڭ 100 مو بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، قوشۇمچە قىلىدىغان ياغلىق دان، پېلەكلىك زىرائەتلەر، چارۋىچىلىق.2006-يىلى ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 3906.5 توننا؛ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 853.6 توننا؛ 25059 تۇياق چارۋا. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2278 يۈەن. بۇ يېزىدا ھاۋا كىلىماتى، تۇپراق ماسلىششى ياخشى بۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى بولۇپ، ناھىيە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا بويىچە بولغان ئىقتىسادىي چىلان ئورمان 100 مىڭ مو. چىلىنىنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق.

2006-يىلى «قۇملۇق ئورمىنى» ماركىلىق چىلىنى تاۋار ماركىسى بار بولغان. 3000 مو يۇلغۇن، توشقانزەدىكى بار. بەشتوغراق يېزىسىنىڭ سۇ مەنبەسىدىن يىراق بولغاچقا، سۇ بايلىقى كەمچىل. 1968-يىلى 65 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياسىلىپ چوڭ چۆل-جەزىرلەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ سىڭىش مىقدارى چوڭ، پايدىلىنىش نىسبىتى كىچىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ سىڭمەس ئۆستەڭلەر ياسالغان. ئاچچىق دەرياسى، لوپ ناھىيەسىدىكى سۇ ئامبىرى، باش ئېغىزى، دەريا سۈيىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى، سۇ بايلىقى شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بەشتوغراق يېزىسىنىڭ سۇ مەنبەسىدىن يىراق بولغاچقا، سۇ بايلىقى كەمچىل. 1968-يىلى 65 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياسىلىپ چوڭ چۆل-جەزىرلەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ سىڭىش مىقدارى چوڭ، پايدىلىنىش نىسبىتى كىچىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ سىڭمەس ئۆستەڭلەر ياسالغان. ئاچچىق دەرياسى، لوپ ناھىيەسىدىكى سۇ ئامبىرى، باش ئېغىزى، دەريا سۈيىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى، سۇ بايلىقى شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.