جېمىنەي ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
جېمىنەي ناھىيىسى

جېمىنەي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. جېمىنەينىڭ يەر مايدانى 8،222 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2005-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 37،733.

تارىخ[تەھرىرلەش]

جېمىنەي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چارۋا باقىدىغان يەر بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلىرىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارباغاتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 5 - يىلى (1916 - يىلى) جېمىنەي ئامبال ياردەمچىسى تەسىس قىلىنغان، مىنگونى 19 - يىلى (1930) دەرىجىسىنى كۆتۈتۈرۈپ ناھىيە قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋىلايىتى، 6 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

جىمىنەي ناھىيىسى ساۋىر تېغىنىڭ شىمالىى ئېتىكىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بۇرچىن ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسى 88 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 6472.8 كۋادرات كىلومېتىر. جېمىنەي ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 59 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 631 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 33 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 61.25% نى، خەنزۇلار 35.5% نى، باشقا مىللەتلەر 3.25% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى: پەلەمپەيسىمان شەكىلىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قىيپاش، جەنۇبىي قىسمى ساۋىر تېغى، ئوتتۇرا قىسمى تىندۇرما تۈزلەڭلىك ۋە ئۇزۇن ئويمانلىق، غەربىي شىمال قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ 22.3% نى، ئېدىرلىق، دەريا ۋادىلىر 2.4% نى، چۆللۈك قۇملۇق 73.8% نى، سازلىق سۇ يۈزى 1.5% نى تەشكىل قىلىدۇ. تاستى دەرياسى، ئۇلاستى دەرياسى ۋە ئۈلكۈن ئۇلاستو دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدار 121 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 99 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، بوغۇر، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈمۈكتىن چىرىمتال، ھاكاندا، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەردىكى، ئۇچار چاشقان مايىقى، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، سىڭىر تاش، ئاق توپا، ھاك تېشى، سودا، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. جېمىنەي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 3.5℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 38.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2940.8 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2242.5℃. قىروسىز مەزگىلى 137 كۈن ئەتراپىدا. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 190 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2169.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 13 مىڭ 300 گېكتار (199 مىڭ 500 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 535 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 30 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، يېرىم ئولتۇراقلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، ياغلىقدان قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ۋە ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. 1995 - يىلى 10 - ئايدا دۆلەت تاشيولىنىڭ 217 - لىنىيىسى تۇتاشتۇرۇلغان جېمىنەي - خېيىشەنتۇ ئاسفالىت يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى قاتنىشى قولايسىز بولۇشتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. جىمىنەي ئېغىزى شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم يولىنىڭ بىرى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىردىن موڭغۇللارنىڭ شارۋاڭ قەبرىسى، قازاقلارنىڭ جېڭسىقاگوڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى