توقسۇن ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia

توقسۇن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇرپان ۋىلايىتىگە قارايدۇ. توقسۇننىڭ يەر كۆلىمى 16،128 كۇۋادرات كىلومېتىر. 2013-يىلدىكى ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، توقسۇننىڭ نوپۇسى 138،000.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

توقسۇن ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 204 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 146 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 16 مىڭ 128 كۇۋادرات كىلومېتىر. توكسۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق 3 بازار، 4 يېزا ۋە 45 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرى مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى نۆل مېتىر بولغان بىردىنبىر ناھىيە بازىرى بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 162 كىلومېتىر كېلىدۇ. توقسۇن ناھىيىسىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 103،300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 76.53% نى، خەنزۇلار 16.50% نى، باشقا مىللەتلەر 6.97% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس بولۇپ، تاغلىق 20.8% نى، تۈزلەڭلىك 4.1% نى، چۆللۈك 75.1% نى ئىگىلەيدۇ. ئالغۇي ئۆستىڭى بىلەن ئا تېرەك ئۆستىڭىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سېستىمىسىدا جەمئىي 6 دەريا بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 65 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 268 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، غۇلجا، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئاققۇ، ئۇلار قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، بېنتونىت، تاشپاختا، مەرمەر تاش، دولومىت جىنىس، گرانىت، ھاك تاش، چىرىمتال، سىڭىرتاش، گىرافىت، گىلوئۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار. توقسۇن ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 13.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 48.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 25.5℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 142.4 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3053.9 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 5299.4℃، قىروسىز مەزگىلى 297 كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 6.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3723.5 مىللىمېتىر كېلىدۇ. توقسۇن ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، 12 مىڭ 300 گېكتار (185 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 8300 گېكتار (124 مىڭ 500 مو) ئورمان، 245 مىڭ 500 گېكتار (3 مىليون 682 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار، يەنە 15 مىڭ 100 گېكتار ( 226 مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 26 مىڭ گېكتار (290 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ماش، يەر ياڭىقى قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي ۋە كالىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، تاشپاختا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پاختا توقۇمچىلىقى، ھاراق ئىشلەش، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

توقسۇن ناھىيىسى7 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى
1 توقسۇن بازىرى 托克逊镇
2 كۈمۈش بازىرى 库米什镇
3 كۆجەي بازىرى 克尔碱镇
4 阿乐惠镇
5 يىلانلىق بازىرى 伊拉湖镇
6 شاھ بازىرى 夏镇
7 بوستان بازىرى 博斯坦镇


توقسۇن ناھىيىسى1 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى
1 غولبۇيى يېزىسى 郭勒布依乡

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن.


نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

توقسۇن ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
ئۇيغۇرلار
79.6%
خەنزۇلار
13.9%
خۇيزۇلار
6.2%
قازاقلار
0.2%
باشقا مىللەتلار
0.1%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تاش تۇز، پارچە ساقالدىكى يېڭى تاش قورال خارابىلىقى، پەنجىر تاغدىكى تاش سىزمىلىرى، ئالغۇي ئېغىزى تىك غارىدىكى ياغاچ قاپلىما گۈكسەيلىك مازىرى، گۇستۇن جىلغىسىدىكى قەدىم تىبەت يېزىقى تاش ئويمىلىرى، ئاسار شەھىرى خارابىسى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.