موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. موڭغۇلكۈرەنىڭ يەر مايدانى 10،455 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 150،000.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان.

شەرقى تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى ھەم ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 132 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 84 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ تۆت تۇەن - مەيدانى، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە، ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ موڭغۇلكۈرە ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 871 كىلومېتىر.

1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 144 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 46.58% نى، ئۇيغۇرلار 9.77% نى، ، باشقا مىللەتلەر 14.27% نى تەشكىل قىلىدۇ.

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئويسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرقى تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى ھەم ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ ( چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 132 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 84 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ تۆت تۇەن - مەيدانى، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە، ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ موڭغۇلكۈرە ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 871 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 144 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 46.58% نى، ئۇيغۇرلار 9.77% نى، 29.38% نى، باشقا مىللەتلەر 14.27% نى تەشكىل قىلىدۇ. ناھىيىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. ئوتتۇرا قىسمى ئويمانلىق بولۇپ، تاغلىق جايلار 73% نى، ئېدىرلىق 7.5% نى، تۈزلەڭلىك 19.5% نى ئىگىلەيدۇ. تېكەس دەرياسى، مۇزارت دەرياسى، شات دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 3 مىليارد 25 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 538 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۇلغۇن، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقىرى، كىرپىباش، پەيسىمان قارمۇقە چىقىرتماق، قارلەيلىسى، ئالقات، سۇغىگۈل، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، مانگان، قوغۇشۇن، تۆمۈر، چىرىمتال، ئالتۇن، ھاك تېشى، بېرىل، خرۇستال، سۈزۈك كالىتسىت قاتارلىقلار بار. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.1℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2699.0 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 1316.7℃، قىروسىز مەزگىلى 132 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 512.1 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1259.2 مىللىمېتىر. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 40 مىڭ گېكتار (600 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 122 مىڭ 800 گېكتار (1 مىليارد 842 مىڭ مو) ئورمانلىق، 541 مىڭ 900 گېكتار (8 مىليارد 129 مىڭ مو) يايلاق بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلى ئېتى بىلەن شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىر. بۇغداي، مايلىقدان، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، كۆمۈركان، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 220 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى ئاسفالىت يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، 0001 توچكا پىروگىراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيە تەۋەسىدىكى مۇزارد ئېغىزى قازاقىستان بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدىغان تاشيول ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ.

تارىخ[تەھرىرلەش]

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خەت دەۋرىدە ئويسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان. تاڭ دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندا نىڭيۈەن ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) موڭغۇلكۈرە باشقۇرۇش تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن ئىلى مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

ناھىيە تەۋەسىدە شۇتا قەدىمكى شەھەر خارابىسى، غاردۆڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى، قورغاس تۇدۇڭ قەبرىستانلىقى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار. گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن شوتا ئارشىڭى بار.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى