باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قۇمۇل ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. باركۆلنىڭ يەر مايدانى 36،947 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 100،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

بارىكۆل قەدىمدە بارىكۆل دۆلىتى دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شېن جۆ 3 - يىلى (مىلادىن ئىلگىرىكى 59 - يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. كېيىن ھونلارنىڭ چارۋا باقىدىن يېرى بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. كېيىن ھونلارغا تەۋە بولغان. شىمالىي سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە جورجانلارغا ۋە قاڭقىللارغا قارىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن 14 - يىلى ( 640 - يىلى) بارىكۆل ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېۋىرغول ئايمىقىغا قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشىبالىق تەۋەسىدە بولغان ۋە بارىكۆل دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارنىڭ خوشۇت قەبىلىسى قولىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى 36 - يىلى (1697 - يىلى) ئوردىغا بەيئەت قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 25 - يىلى (1760 - يىلى) بارىكۆل بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 38 - يىلى ( 1773 - يىلى) جېنشى مەھكمىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ 5 - يىلى (1855 - يىلى) مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جېنشى بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) نازارەت بىكار قىلىنىپ، جېنشى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 23 - يىلى ( 1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. 1954 - يىلى بارىكۆل ناھىيىسى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىر قۇمۇل ۋىلايىتىگە قارايدۇ.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقتىن ئاراتۈرۈك ناھىيىسى بىلەن، غەربتىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبتا قۇمۇل شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 305 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 276.4 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 180.6 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىگە ئىككى بازار، 10 يېزا، 47 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىككى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 709 كىلومېتىر. 1995 يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 100 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 28.43% نى، خەنزۇلار 69.78% نى، باشقا مىللەتلەر 1.79% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى: شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالى پەس، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۈچ تاغ ( بارىكۆل تېغى، موچىنئۇرا تېغى، شەرقىي جۇڭغار تېغى بۆلىكى) ئوتتۇرىسىغا ئىككى ئويمانلىق (بارىكۆل ئويمانلىقى، سەنتاڭخۇ ئويمانلىقى) جايلاشقان. تاغ يېرى 38.9% نى، تۈزلەڭلىك 11.8% نى، چۆللۈك 49.3% نى ئىگىلەيدۇ. چوڭ - كىچىك دەرياسىدىن 46 سى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 271 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى 233 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، ئارقار، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى 500 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە قارلەيلىسى، موگۇ ۋە گۈلبۇغۇنلار يايلاقتىكى <ئۈچ گۆھەر> دەپ ئاتىلىدۇ. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئاليۇمىن، كۆمۈر، تىتان، ئالتۇن، مىس، گىلابۇئېر تۇزى، تۇز قاتارلىقلار بار. بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ 2 - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 33.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 43.6℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3213.1 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1735.0℃، قىروسىز مەزگىلى 102 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 203.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1621.0 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. <قەدىمكى چارۋىچىلىق يۇرتى> دېگەن نامى بار. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ 600 گېكتار (429 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 325 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 880 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 1 مىليون 439 مىڭ 300 گېكتار (21 مىليون 590 مىڭ مو)، چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، يالىڭاچ ئارپا، ئارپا، نوقۇت، قىچا، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائەتتە كۆن - خۇرۇم ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بارىكۆل قازا ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولى 203 - لىنىيىسى مۇھىم قاتناش غول لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ۋە قۇمۇل - بارىكۆل 2 - دەرىجىلىك نۇر كابىل غول لىنىيىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ناھىيىگە جايلاشقان پەسىل خاراكتېرلىك ئېغىز - لاۋ يېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت رېنشاڭ ئابىدىسى، پېي سېنىڭ ئابىدىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت داخې قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن تەڭرىتاغ قارىغايلىق قارلىقى، خىيالىي مەنزىرىلەر، قاراڭغۇ جىلغىدا باھار، دەريا - ئېقىنلار ھاسىل بولغان مەنزىرە، قۇملۇقتىكى بارگاھ قاتارلىقلار بار

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى