چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى

察布查尔锡伯自治县.Chapchal Xibe autonomous county

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ئاپتونوم ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئوبلاست ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاق
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 11 دانە
نوپۇس 160 مىڭ
يەر مەيدانى 4،489 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 999(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新F

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى توققۇزتارا ناھىيەسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى تېكەس، موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى ۋە قورغاس ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىندۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 كىلومېتىر) . شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8.4645 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 57 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4-شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن-مەيدانى، ئىلى ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسى، تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا قاراشلىق تاغلىق رايون ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 711 كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار %26 ىنى، تۈزلەڭلىك %54.2 نى ئىگىلەيدۇ. ئىلى دەرياسى، چاپچال دەرياسى، ئۆرتەك دەرياسى، چاجى دەرياسى، خونۇخاي دەرياسى قاتارلىق دەريا-ئېقىنلار بار .

بايلىقى[تەھرىرلەش]

يەر ئاستى سۇ بايلىقى 414 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 520 مىليون كۇب مېتىر. قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى، سوغىگۈل، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈك بۇيا، كەترا، گاترودىيە، قار لەيلىسى، قانتېپەر، كىرەش قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، كۆمۈر، ئۇران، نېفىت، خرۇستال، ھېقىق، چىرىمتال، كۋارتس، پار-پۇر بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپا، ئوتقا چىداملىق توپا قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.9، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.5، ئەڭ تېمپېراتۇرا-43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2810.7 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 3389.1، قىروسىز مەزگىلى 161 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 205.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1614.8 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

چاپچال ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 30 مىڭ 900 گېكتار (463 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 32 مىڭ 300 گېكتار (485 مىڭ مو) ئورمالىق، 275 مىڭ گېكتار (4 مىليون 130 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 240 مىڭ گېكتار (3 مىليون 600 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر، 24 مىڭ گېكتار (360 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پاختا، تاماكا، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. كالا، قوي، ئات، چوشقا قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. كۆمۈركان، سېمونت، فۇرفۇرول، دورا ياساش، ئاشلىق-ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى