مەركەز

ئورنى Wikipedia

مەركەز ئىسىم [ئەرەبچە]
① نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى خالىغان بىر نۇقتا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئوتتۇرا نۇقتىسى؛ قاپ ئوتتۇرىسى: چەمبەر مەركىزى. شار مەركىزى. ئېغىرلىق مەركىزى. مەركەزدىن قېچىش كۈچى. مەركەزگە ئىنتىلگۈچى كۈچ.
② ئاھالە ياشايدۇرغان جاينىڭ مەمۇرىي بىنالار، سودا ۋە مۇئەسسەسەلەر ئورۇنلاشقان ئاساسىي قىسمى: شەھەر مەركىزى. قىشلاق مەركىزى.
پايتەخت: بۇلتۇر ئەتىيازدا مەركەزدە مەخسۇس ئورمانچىلىق يىغىنى ئېچىلدى.
مەملىكەت ياكى ئۆلكەنىڭ سانائەت، مەدەنىيەت ياكى باشقا بىرەر ساھەسىدە ئاساسىي ئورۇن تۇتقان شەھىرى، ئاھالە ياشايدىغان يىرىك جايى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.
دۆلەت ياكى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى: زالدا مەركەزنىڭ يەرلەرنى دېھقانلارغا كۆتۈرە بېرىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ئاڭلىتىلدى.
⑥ بىرەر پائالىيەت ساھەسىدە ئاساسىي ئىش ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي: تەتقىقات مەركىزى. تەرجىمە مەركىزى. خەۋەرلىشىش مەركىزى.
⑦ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي ھالقىسى، تۈگۈنى: خىزمەتنىڭ مەركىزى. مەسىلىنىڭ مەركىزى.
‹فىزىئو› نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئورگانىزمنىڭ بىرەر پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان مەلۇم گۇرۇپپىلىرى: ھەرىكەت مەركىزى. مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا;







ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى