نىيە ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
نىيە ناھىيىسى

民丰县.Niye County

نىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 1 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس 50 مىڭ
يەر مەيدانى 34,000 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يى، 张仪
ھاكىم ئاينۇر ئابدۇللا
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت نىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

نىيە ناھىيەسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن، شىمالى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قارمىقىدا بىر بازارلىق 6 يېزا بار بولۇپ ھازىرقى نوپۇسى 50 مىڭ ئەتراپىدا.

نىيە ناھىيىسى (MIN-FENG (NIYA BAZAR)) (1971)

تارىخ[تەھرىرلەش]

نىيە تارىختا نىران دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇرجان، ئەندىرە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. ۋېي، جىن سۇلالىسىدىن كېيىن ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، نىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 33 - يىلى (1944 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمسىگە خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

نىيە ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەر تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 541 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 54 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، بەش يېزا، 32 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1215 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭ 500 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.86% نى، خەنزۇلار 9.01% نى، باشقا مىللەتلەر 0.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

كېرىيە ناھىيىسىدە 1 بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 نىيە بازىرى Niye Baziri Niye Town 尼雅镇 6 11 14.3
2 نىيە يېزىسى Niye Yézisi Niye Township 尼雅乡 7 6
3 رۇكىيا يېزىسى Rukiya Yézisi Rukiya Township 若克雅乡 7 7 7360
4 سالغوزەك يېزىسى Salghozek Yézisi Salghozek Township 萨勒吾则克乡 7 4 7,742.6
5 يېيىق يېزىسى Yëyiq Yézisi Yëyiq Township 叶尔克乡 6 4 33,400
6 ئەندىر يېزىسى Endir Yézisi Endir Township 安迪尔乡 1 0.4
7 ياۋا توڭگۇز يېزىسى Yawa Tongguz Yézisi Yawa Tongguz Township 亚瓦通古孜乡 1

’’’ئىزاھات:’’’

  • 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ياۋا توڭغۇز يېزىسى قۇرۇلغان.

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىي قىسمى كوئىنلۇن تاغلىق رايونى، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. تاغلىق جايلار 42.5% نى، بوستانلىق 6.8% نى، قۇملۇق 50.7% نى ئىگىلەيدۇ. نىيە دەرياسى، ياۋا توڭگۇز دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى دەرياسى سۇ بايلىقى 913 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 288 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، تېبەت قۇلۇنى، تېبەت بۆكىنى، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، كەترا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، كۆمۈر، تاش پاختا، چىرىمتال، تۇز قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

نىيە ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.3℃، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ 92.2 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن ئاشىدۇ. كۈننى يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2849.3 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 30.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2756.1 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

نىيە ناھىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر 3600 گېكتار ( 54 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 76 مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون 150 مىڭ مو) ئورمانلىق، 518 مىڭ 600 گېكتار ( 7 مىليون 780 مىڭ مو) ئوتلاق، يەنە 11 مىڭ 700 گېكتار ( 176 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر، 2300 گېكتار (43 مىڭ مو> ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. نىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولى ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقىنى كۆپ قىسقارتتى. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

نىيەدە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئەندىر قەدىمىي شەھىرى، ئاققوچقار قەدىمىي شەھىرى، ئىمام جەپپار سادىق مازىرى، 18 – ئاۋغۇست سۇ قۇرۇلۇشى، ياۋا توڭگۇز كەنتى، گۈزەل بېلىق كۆلى، سازلىق مەنزىرىسى، تۆت تۈپ قەدىمىي دەرەخ قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار.

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى