نىيە بازىرى

ئورنى Wikipedia
نىيە بازىرى

尼雅镇.Niye town

نىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە نىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 6 دانە
نوپۇس 11 مىڭ
يەر مەيدانى 14.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت نىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

نىيە ناھىيەسىنىڭ نىيە بازىرى 1984-يىلى تەسىس قىلىنغان، ئورنى نىيە دەرياسى شەرقىي قىرغىقى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا 3 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي نىيە ناھىيىسى بوستان يولى 10 نومۇردا. شەرق، غەرب، شىمالىي نىيە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا يېيىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 315-دۆلەت يولى لىنىيەسى ئوتتۇرا تارىم قۇملۇق تاشيولى جەنۇبىي چىقىش ئېغىزىدا. شەرقتە چەرچەن ناھىيىسى بىلەن ئارىلىقى 360 كىلومېتىر، غەربتە كېرىيە ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 1255 كىلومېتىر، شىمال تەرىپى بۈگۈر ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 5799 كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى يەر كۆلىمى 14.33 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

نوپۇسى[تەھرىرلەش]

نىيە بازىرى نوپۇس 10441 ئادەم، 3349 ئائىلە، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بازارغا قاراشلىق ئۈچ شەھەر ئاھالە كومىتېتى، ئىكىكى مەمۇرىي كەنت (جەمئىي 10 مەمۇرىي كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى) ئىككى مەمۇرىي كەنىتتە جەمئىي 1069 ئائىلە، 1874 ئادەم، ئۈچ ئاھالە كومىتېتى جەمئىي دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە تۇرۇشلۇق جايىغىچە 2380 ئائىلە، 8567 ئادەم، بۇلار ئىچىدە غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسلىرى 2055 ئائىلە، 7265 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 325 ئائىلە، 1302 ئادەم؛ كۆچمە نوپۇس 316 ئادەم.