ئاقسۇ ۋىلايىتى

ئورنى Wikipedia
ئاقسۇ ۋىلايىتى

ئاقسۇ ۋىلايىتى بولسا شىنجاڭ دىكى 2000 نوپۇس بار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2،190،000 نوپۇسى بار، 132،500 كۋادرات كىلومېتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاشقان، خىمالىكاڭ لىك 41.16°، خارىكى ئۇزۇنلۇق 80°26.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان، قىرغىزستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇنىڭغا بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (ئاقسۇ شەھىرى، ئۇنسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى) قارايدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 17 تۇەن - مەيدان بار. ۋىلايەت مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1008 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 857 مىڭ 100. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 76.65% نى، خەنزۇلار 22.07% نى، باشقا مىللەتلەر 1.28% نى تەشكىل قىلىدۇ.  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي قىسمى تاغلىق رايون (بىرقەدەر داڭلىق چوققىلاردىن تەڭرىتاغنىڭ ئاساسلىق چوققىسى تۆمۈر چوققىسى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ). ئوتتۇرا قىسمى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا، جەنۇبىي قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 22.63% نى، تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا 48.72%. قۇملۇق 28.65% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئاقسۇ دەرياسى، ئۈگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 6 مىليارد 382 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى مىقدارى 7 مىليارد 885 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىى ياۋا تۆگە، موڭغۇل قۇلىنى، يىلپىز، ئاق تۇرنا، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى شىنجاڭ ئارچىسى، داغال قارىغاي، توغراق، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى ۋە چاكاندا قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، ھاك تاش، گەج، فوسفور، مانگان، تۆمۈر، گرانت تاش، فلوگوپىت، مولىبدېن، ئاليۇمىن، ۋانادىي، ئۇران، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ.) يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃ ~ 9.8℃ (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 9.1℃ ~ 7.1℃). ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2600 ~ 3000 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4400℃ ~ 3300℃. قىروسىز مەزگىلى 190 ~ 250 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر. تۈرلەرنىڭ 40 ~ 70 مىللىمېتىر (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 90 مىللىمېتىر ئەتراپىدا). ئاقسۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ۋىلايەت. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 326 مىڭ 400 گېكتار (4 مىليون 896 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 2 مىليون 221 مىڭ گېكتار (33 مىليون 332 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 314 مىڭ گېكتار (4 مىليون 710 مىڭ مو). يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان 1 مىليون 699 مىڭ گېكتار ( 25 مىليون 485 مىڭ مو) قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال پاختا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە شالنىڭ قەدىمدىن <تارتۇق گۈرۈچى> دېگەن نامى بار، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېشىل يېمەكلىك ىلىپ بېكىتلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چارۋىچىلىقىداقوي، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ 217 - لىنىيىسى جەنۇبتا كۇچادا ئاخىرلىشىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۇتاشقان ھەم كېسىشكەن قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاقسۇ، كۇچا بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ. 44000 پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە تېلېفون ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئاقسۇ قەدىمكى <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم ئۆتەيول بولۇپ، ۋىلايەت تەۋەسىدە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئورنىدىن 59 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، كۇسەن قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

تارىخ[تەھرىرلەش]

ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن، قۇم، ئۇنسۇ، سەپىرباي، دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان، غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەلاۋدىدىن بولغان خان چاغاتاينىڭ سۇيۇغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) ئاقسۇ خان ئامبىلى قويۇلغان. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.

نوپۇس ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

توشۇش[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

Flag of the People's Republic of China.svg
ۋىلايەت\ئوبلاست\شەھەر ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
بىۋاستە قاراشلىق شەھەر: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئىلى ۋىلايىتى: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى