نىلقا ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
نىلقا ناھىيىسى

尼勒克县.Nilqa County

نىلقا ناھىيىسى خەرىتىدىكى ئورنى
ئومۇمىي ئەھۋال
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاق
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچە
كوچا باشقارمىسى سانى 0 دانە
بازارلىق سانى 1 دانە
يېزا سانى 10 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 189,763 [1]
يەر مەيدانى 10,129.95 كۋادرات كىلومېتىر
باشقىلار
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 999 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新F

نىلقا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Nilqa Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. نىلقا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى ۋە ساۋەن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شىخۇ شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى ۋە كۈيتۇن شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 243 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 11 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 10 يېزا، 93 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ نىلقا ھەربىي ئات مەيدانى، غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ نىلقا ئورمانچىلىق مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ كۈنەس قوي فېرمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 585 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

نىلقا شەھىرى قارمىقىدا 1 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 نىلقا بازىرى Nilqa Baziri Nilqa Town 尼勒克镇 10 31.9 84.67
  • ئىزاھات:

نىلقا ناھىيىسى قارمىقىدا 10 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئۆزەن يېزىسى Özen Yézisi Ozen Township 乌赞乡 7 16.3 458
2 كېلەڭ يېزىسى Kéleng Yézisi Keleng Township 克令乡 7 11.2 372
3 ياقائۇلاستاي يېزىسى Yaqaulastay Yézisi Yaqaulastay Township 加哈乌拉斯台乡 6 8.5 479.33
4 قاراسۇ يېزىسى Qarasu Yézisi Qarasu Township 喀拉苏乡 8 13.5 575.2
5 سۇپتاي يېزىسى Suptay Yézisi Suptay Township 苏布台乡 4 6.9 229
6 قاراتۆپە يېزىسى Qaratöpe Yézisi Qaratope Township 喀拉托别乡 4 9.1 1075.2
7 قۇجۇرتاي يېزىسى Qujurtay Yézisi Qujurtay Township 胡吉尔台乡 9 10.3 471.87
8 ئۇلاستاي يېزىسى Ulastay Yézisi Ulastay Township 乌拉斯台乡 7 9.8 80
9 مىس يېزىسى Mis Yézisi Mis Township 木斯乡 9 13 394
10 كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى Kökxotqor Mongghul Yézisi Kokxotqor Mongol Township 科克浩特浩尔蒙古族乡 10 14.6 668

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 55% نى، ئېدىرلىق 30% نى، دەريا ۋادىسى 15% نى ئىگىلەيدۇ. قاش دەرياسى شەرقتىن غەربكە قاراپ ناھىيىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 40 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 313 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۇغۇر، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە جىگدە، سوغىگۈل، چاكاندا، قارلەيلىسى، بوۋانە، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، ئاليومىن، ئالتۇن، سىڭىرتاش، خرۇستال تاش قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 20 مىڭ 400 گېكتار (306 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 58 مىڭ 300 گېكتار (874 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق. 657 مىڭ 900 گېكتار (9 مىليون 886 مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە 72 مىڭ 007 گېكتار (بىر مىليون 90 مىڭ مو) تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر بار. ئاساسلىق قازاق ئېتى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، تۆگە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ، ھەسەل ھەرىسى بېقىشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. بۇغداي، كۆممىقوناق، قوناق، مەيلىقدان، ياڭيۇ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېرتۇرا - 39.9℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2795.8 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 2369.2℃، قىروسىز مەزگىلى 102 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 353.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1471.8 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-27.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى