ساۋەن ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
ساۋەن ناھىيىسى

ساۋەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ساۋەننىڭ يەر مايدانى 12،468 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.

تارىخ[تەھرىر]

ساۋەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتەنزىل بەگلىكىگە قاراشلىق جاي ئىدى. ئۈچ پادىشاھلىق ۋە غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە سىيانپىيلارنىڭ سۇيۇرغالىق يېرى بولغان. سۈي - تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەر ئىگىىۋالغان، سۇڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قاراشلىق بولغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلوڭ يىللىرىدا ماناس ناھىيىسىگە قارىغان مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) ماناس ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ساۋەن ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان ۋە ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. 1975 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. 1978 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرلغاندىن كېيىن قايتىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

ساۋەن ناھىيىسى تەڭرى تېغى ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى شىخەنزە شەھىرى، ماناس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىخۇ شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 101 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ كۋادات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 7 بازار، بەش يېزا، 247 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى بىلەن 8 - شىسىنىڭ 12 تۇەن - مەيدانى ۋە زاۋۇت - كان، كارخانىسى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 185 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 369 مىڭ 002، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 2.22% نى، خەنزۇلار 85.55% نى، باشقا مىللەتلەر 12.23% نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: جەنۇبىي قىسمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە شىمالىي قىسمى قاقاس تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 39.8% نى، تۈزلەڭلىك 22.4% نى، قاقاسلىق 37.8% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن ماناس دەرياسى، نىڭجياخې دەرياسى، قورغاس دەرياسى ۋە چوڭ - كىچىك جىلغا دەريالار، بايانقۇ دەرياسى قاتارلىقلار بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 810 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 240 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ياۋ تۆڭگۈز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن كىرەش، رەۋەن، سۇغىگۈل، قارلەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، ئالقات، قانتېپەر، سۈلەپ، مامۇرانچىن، پاقا يوپۇرماق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، كۆمۈر، ھاك تاش، گىلائۇبېر تۇزى، سىلانس، قاش تېشى قاتارلىقلار بار. ساۋەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -37.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2874.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3619.1℃، قىروسىز مەزگىلى 170 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 185.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2046.0 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 57 مىڭ گېكتار (855 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 588 مىڭ 007 گېكتار (8 مىليون 830 مىڭ مو) ئوتلىقى بار، يەنە 24 مىڭ گېكتار (360 مىڭ مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، ماش - پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە ئېلېكتر قۇۋۋتى كەسپى، كۆمۈرچىلىك، خىمىيە سانائىتى، سېمونت ئىشلەش، سۇلياۋ ئىشلەش، كاۋچوك ئىشلەش، گۈل بېسىش، پاختا توقۇمىچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ساۋەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى، ئۆلكە تاشيولى 201 -، 101 - لىنىيىسى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكا كابىلى بۇ ناھىيە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، 6000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان، كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە خەلقئارا تېلېگراف ئىشلىتىشكە باشلىدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

بۇ ناھىيىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن لۇجاۋۋەن، موڭغۇل بۇتخانىسى، شۇيگۇ، دۇڭداتاڭ قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى