خوشۇت ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
خوشۇت ناھىيىسى

خوشۇت ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خوشۇتنىڭ يەر مايدانى 12،753 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

خۇشۇت خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بوستان دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقتىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن كىنگىت دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) خوشۇت باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرلۈپ، قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

خۇشۇت ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى توخسۇن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى باغراش ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 152.8 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 141.8 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 12 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە 1 بازار، 5 يېزا، 21 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 380 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 57 مىڭ 200، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 9.25% نى، ئۇيغۇرلار 14.51% نى، خەنزۇلار 66.45% نى، باشقا مىللەتلەر 9.79% نى تەشكىل قىلىدۇ.  يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس. ئۈچ تەرىپى تاغ، بىر تەرىپى سۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 51.1% نى، تۈزلەڭلىك 47.2% نى، قۇملۇق 1.7% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى، سۈزۈكسۇ دەرياسى، ئۇششاقتال دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 213 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 20 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، قانتېپەر، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، ياۋا كەندىر، بامبۇك قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۇز، تازىلانغان شور، گرانىت تاش، فوسفورلۇق تاش، بارىت، ھاك تېشى، چىرىمتال، مەمەر تاش، تاشپاختا، كۆمۈر، ئاليۇمىن، ئالتۇن، مىس قاتارلىقلار بار. خوشۇت ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى ئىسسىق بەلۋاغنىڭ قۇرۇغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.7℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 39.2℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا- 31.6℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 59.2 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3132.0 سائەت. 10℃ يىغلىما تېمپېراتۇرىسى 3605.7℃، قىروسىز مەزگىل 184 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 75.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2247.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 10 مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 74 مىڭ 500 گېكتار (1 مىليون 117 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 21 مىڭ 600 گېكتار (324 مىڭ مو) ئورمانلىق، 592 مىڭ 800 گېكتار (8 مىليون 892 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، ئاپتاپپەرەس، قېزىلچا،پەمىدور قاتارلىقلار بار. چارۋىدا كالا، قوي، ئات ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار. خۇشۇت ناھىيىسىدە قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش بىرقەدەر قولايلىق. 314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەر قوللىنىلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

  • تېۋىلغا بازىرى (特吾里克镇)
  • تاغارچى بازىرى (塔哈其镇)
  • چۇقۇ بازىرى (曲惠镇)
  • سوخاتۇ يېزىسى (苏哈特乡)
  • شىنتارا يېزىسى (新塔热乡)
  • نەرىنكېر يېزىسى (乃仁克尔乡)
  • ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسى (乌什塔拉回族乡)
  • 24-تۇەن مەيدانى (兵团二十四团)
  • چىڭشۈيخې دېھقانچىلىق مەيدانى (清水河农场)

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

خوشۇت ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
63.5%
ئۇيغۇرلار
16.4%
خۇيزۇلار
10.1%
موڭغۇللار
8.6%
باشقا مىللەتلار
1.4%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن چۇقۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، شىنتاران قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، نىنا قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، تاغاچى تۇراسى خارابىسى، دەنزىل قەدىمكى شەھىرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن شىخەيزى سۇ ئۈزۈش كۆلى، قىزىلتاي جەنۇبىي بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.