تۇرپان شەھىرى

ئورنى Wikipedia
تۇرپان شەھىرى

吐鲁番市.Turpan city

تۇرپان شەھىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
شەھەر رايونى سانى 1
ناھىيە سانى 2 ناھىيە
نوپۇس 700 مىڭ
يەر مەيدانى 67،562km2
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 995(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新K

تۇرپان شەھىرى بولسا ئەسلىدىكى تۇرپان ۋىلايىتى بولۇپ، 2015-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇرپان شەھىرى بولۇپ قورۇلغان، ھازىر تۇرپان شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا ئىدىقۇت رايونونى، ئىككى ناھىيە بولسا توقسۇن ناھىيىسى]] ۋە پىچان ناھىيىسىدىن ئىبارەت. تەڭرى تېغىنىڭ بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى پىچان ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى توقسۇن ناھىيىسى، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شىمالىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 244 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.

تارىخ[تەھرىرلەش]

تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئالدى قانقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدىن جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە بۇ يەردە ئىدىقۇت ۋىلايىتى ۋە ئىدىقۇت دۆلىتى قۇرۇلغان. تاڭ دەۋرىدە قۇجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. سوڭ، لياۋ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە بۇ يەر ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا تەۋە بولغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قۇجۇ دالالەت بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان ۋە دىخۇا مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇرپان ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دىخۇر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. 1958 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغان.

مەمۇرىي رايونلىرى[تەھرىرلەش]

ھازىر تۇرپان شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا:

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تۇرپان شەھىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
ئۇيغۇرلار
77.0%
خەنزۇلار
16.8%
خۇيزۇلار
5.9%
باشقا مىللەتلار
0.3%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

تۇرپان شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى قۇمۇل شەھىرى (ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتى)بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە جۇنۇبىي تەرىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 69 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 221 - تۇەن - مەيدانى بار. تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق تۇرپان شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 524 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 71.00% نى، خەنزۇلار 22.32% نى، باشقا مىللەتلەر 6.68% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بۇ يەردە ھەم قاپساللىق كەتكەن ئويمانلىق، شىمالدا دېڭىز يۈزىدىن 800 مېتىر ئېگىز يالقۇن تاغ بار، جەنۇبىدا دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن ئايدىڭ كۆل بار. تاغ يېرى 14% نى، تۈزلەڭلىك 9% نى، چۆللۈك 77% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق 9 دەرياسى بار. يەر ئۈستى بايلىقى 584 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 1 مىليارد 111 مىليون كۇب مېتىر.

ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا تۆگە، يىلپىز، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك 300 نەچچە خىلى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى دورا ئۆسۈملۈكى ئاساسلىقى چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، سۇغىگۈل،قار لەيلىسى قاتارلىقلار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ئالتۇن، مىس، قەلەي، قوغۇشۇن، كۆمۈر، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، لكالاىي سېلىتىرا، ناتردىيلىق سېلىتىرا، كۋارتس قۇم قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

تۇرپان ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق رايون ئىقلىمىغا كىرىدۇ، قەدىمدىن <ئوت يۇرت> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1.9℃ ~ 31.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3000 ~ 3200 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000 ~ 5000، قىروسىز مەزگىلى 260 ~ 290 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 9.6 ~ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2700 ~ 3700 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول، 30 چاقىرىملىق شامال رايونىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180.2 كۈن بوران چىقىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 42 مىڭ 600 گېكتار (639 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 70 مىڭ گېكتار (1 مىليون 50 مىڭ مو) ئورمان، 782 مىڭ 500 گېكتار (11 مىليون 737 مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو) دېھقانچىلىقتا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى كېۋەز، ئۈزۈم، بۇغداي، قوناق، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇلار ئىچىدە ئۈزۈم، قوغۇن، كېۋەز مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇ جاينى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋەئكېسپورت بازىسى قاتارىغا كىرگۈزدى. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى تۇز - خىمىيە سانائىتى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا توقۇمچىلىقى، قېزىلما بايلىقلىرىنى قېزىش قاتارلىقلار بار. تۇرپان ۋىلايىتىنىىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 -، 314 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى بار. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابىلى بۇ ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 17 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.تۇرپان قەدىمكى زاماندا <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. ئاساسلىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يارغۇل قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى (يەنى ئىمىن مۇنارى) قاتارلىقلار؛ ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن كارىز سەيلىگاھى، يالقۇن تاغ، ئايدىڭكۆل، بۇيلۇق قاتارلىقلار بار.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.