پەيشەنبەبازار يېزىسى

ئورنى Wikipedia
پەيشەنبەبازار يېزىسى

排先拜巴扎乡.Peyshenbebazar Township

مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
شەھەر توقسۇ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 15 دانە
نوپۇس 15.3 مىڭ
يەر مەيدانى 61.7 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

پەيشەنبەبازار يېزىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Peyshenbebazar Yézisi)ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ توقسۇ ناھىيىسى گە جايلاشقان. پەيشەنبەبازار يېزىسى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە ئىچئېرىق بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسى بىلەن چېگراداش، غەربتە تاشئېرىق يېزىسى، شىمالدا توقسۇ بازىرى توقسۇ كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ.

مەمۇرىي رايونلار[تەھرىرلەش]

پەيشەنبەبازار يېزىسى تەۋەلىكىدە 15 مەمۇرىي كەنت بار : پەيشەنبە بازار كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، چوڭتوغراق كەنتى، نۇرباغ كەنتى، كالتە قېچىچى كەنتى، چوڭ قېچىچى كەنتى، قۇملۇقئېرىق كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، خاداڭ كەنتى، قۇمكۆل كەنتى، سۆگەتقوتان كەنتى، يۇڭفېڭجۇاڭ كەنتى، موما توغراق كەنتى، پوتەي كەنتى، توپا دۆڭ كەنتى.

بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 55 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. پەيشەنبە بازار ئۆستىڭى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ، يېزىنىڭ ئاساسلىق سۇغىرىش مەنبەسى.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]