Jump to content

زەمىن يېزىسى

ئورنى Wikipedia
زەمىن يېزىسى

站敏乡. Zemin town

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە كونا شەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 22.5 مىڭ
يەر مەيدانى 221.1 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

زەمىن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قارمىقىدا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5.88 كىلومېتىر، يەر شەكلى غەربىي تەرىپى ئىگىز، شەرقىي تەرىپى پەس ئومۇمىي كۆلىمى 221.07 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 94 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 4606 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 21305 ئادەم؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 10985 نەپەر، ئايال 10320 نەپەر، 6083 نەپەر ئەمگەك كۈچى بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 98 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ مو، ئېچىلغان بوز يەر كۆلىمى 12 مىڭ مو. 2002-يىلى يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى 1125 يۈەن.

مەمۇرىي كەنتلەر

[تەھرىرلەش]

زەمىننىڭ يېزىلىرى تۆۋەندىكى كەنتلەر بار:

  • ئاياق قىزىللىق كەنتى (​阿亚克克孜勒克村)
  • ئايدىڭ كەنتى (​阿依丁村)
  • ئۇلۇغخانبويى كەنتى (گۈلباغ) (​吾鲁格汗博依村) (古勒巴格村)
  • ئىنساق كەنتى (​伊尼萨克村)
  • چىغمان كەنتى (其格曼村)
  • زەمىن كەنتى (​站敏村)
  • سىيىتلە كەنتى (ئىتتىپاق) (​斯提拉村) (团结村)
  • قۇچچا كەنتى (​库恰村)
  • قۇرۇل كەنتى (​库若勒村)
  • كۆلچەكئېرىق كەنتى (​库勒且克艾日克村)
  • كۆليار كەنتى (库勒亚村)
  • مۇسۇما كەنتى (پەشتاق) (木苏玛村) (派史塔克村)
  • مۇسۇما ئاچاپىلال كەنتى (ئۈمىد) (​木苏玛阿恰皮拉勒村) (奥米德村)
  • مۇسۇما كوچا كەنتى (ئېرىقبېشى) (​木苏玛阔恰村) (艾日克贝西村)
  • ناس كەنتى (بوستان) (​纳斯村) (博斯坦村)
  • ياماشلا كەنتى (​亚玛希拉村)
  • يۇقارقى زەمىن كەنتى (尤喀克站敏村)
  • يۇقارقى سىيىتلە كەنتى (ئۆستەڭبويى) (尤喀克斯提拉村) (吾斯塘博依村)
  • يۇقارقى قىزىللىق كەنتى (​尤喀克克孜勒克村)
  • يىڭېلىق كەنتى (​英勒克村)

ئىقتىسادى

[تەھرىرلەش]

1953-يىلى توققۇزاق رايونى، زەمىن رايونى تەسىس قىلىنغان. 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ، 1984-يىلى يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. زەمىن يېزىسى گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغاجايلاشقان. مول سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاساسلىقى ئاشلىق، كېۋەز، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل تىجارەت شەكلى يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى. يېزىلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ھازىرقى شەرت شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك، ئۆزگىچە باقمىچىلىق ۋە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق كەسىپنى بىرلەشتۈرۈپ كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلىشى يۇقىرى.

باشقىلار

[تەھرىرلەش]

زەمىن يېزىسى چارۋىچىلىقتا قارا، ئاق كالاۋە مەكىت قويى كىرگۈزۈپ ھەمدە سورتىنى ياخشىلاپ زور كۈچ بىلەن باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە كەسپىي ئائىلىلەر يار-يۆلەك بولۇش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق «كەپتەر، توخۇ» ئۆزگىچە باقمىچىلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك بولغان.

تاشقى ئۇلانمىلار

[تەھرىرلەش]