ئوپال بازىرى

ئورنى Wikipedia
ئوپال بازىرى

乌帕尔镇. Opal town

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە كونا شەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 17 دانە
نوپۇس 34 مىڭ
يەر مەيدانى 34.7 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

ئوپال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە شەھىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر، دۆلەت يولى 314 دۆلەت زېمىنى، جۇڭگونىڭ غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە توشۇش ئۆتىڭى بولۇپ قالغان ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم شەھەر. ئۇمۇمىي نوپۇسى 31180 ئادەم، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52000 مو. بۇ يېزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتى ئۇزۇن بۇلۇپ، مىلادىيە 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاغلىق ئالىمى ۋە تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى، قىرىق بۇلاق قاتارلىق نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، يېزا ئىگىلىكتە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يېزىسى.

مەمۇرىي كەتلەر[تەھرىرلەش]

ئوپال يېزىسىغا تەۋە قاراباش كەنتىى، بەشباغ كەنتى، ياغۇ كەنتى، باش ياغۇ كەنتى، موللامبېغى كەنتى، كۆكچى كەنتى، قۇمباغ كەنتى، دوغلات كەنتى، شوتا كەنتى، ھۆلجىگدە كەنتى، قارا ئۆستەڭ كەنتى، ئاچال كەنتى، نوقات كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، ئاقئۆستەڭ كەنتى، ئوپۇلات كەنتى، دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتى قاتارلىق 17 مەمۇرىي كەنتى (مەيدان)، 137 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يېزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە بايلىقى مول بولغان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ پەن تېخنىكىغا تايىنىپ زور كۈچ بىلەن باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2003-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 57 مىليون 934 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1398 يۈەن. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 23 مىڭ 600 توننا، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 834.7 توننا، چارۋىنىڭ يىللىق قوتاندىكى سانى 84 مىڭ تۇياق (دانە)؛ ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 38 مىڭ موغا يەتكەن، بۇلار ئىچىدە ھازىرقى زامان سۇغۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۆرۈك، ﺋﺎﻧﺎﺭ، چوڭ گىلاس قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىساد ئورمىننى، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈلگە كۆرسىتىشنى جارى قىلدۇردى. يىلدىن يىلغا كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر 31 مىڭ ئادەم (قېتىم)، ساياھەتچىلىك كىرىمى 210 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

جۇغراپىيەلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

بۇ يېزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ياخشى پۇرسىتنى چىڭ تۇتۇپ، كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ سودا، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلغان 2-، 3-كەسىپلەرگە تايىنىپ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

باشقا ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]