ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ نىكاھلىرى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، بەئزى تارىخى مەنبئەلەرغە كۆرە 9 دىن 19 غىچە ئوخشىمىغان ساندا ئاياللار بىلەن نىكاھلانغان. مۇسۇلمانلار، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى بىر ھۆرمەت سۈپىتىدە "مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى" دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ ۋەجى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 6. ئايەتىدە زىكىر قىلىنغان "پەيغەمبەر، مۇئمىنلەرگە ئۆز نەپىسلىرىدىن ئالدىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ خانىملارى ھەم ئۇلارنىڭ ئانالارىدۇر" ئىپادىسىدۇر.[1]

ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھاياتى ئەنئەنىۋىي سۈپەتتە ھىجرەتتىن بۇرۇن (مەككە، 570-622) ۋە ھىجرەتتىن سوڭرە (مەدىنە، 622-632) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ نىكاھلىرىدىن ئىككىسىدىن باشقا ھەممىسى ھىجرەتتىن سوڭرەكى دەۋىردە يۈز بەرگەندۇر.

مەدىنە دەۋرىدە ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ھەربىر رەپىقىسى ئۈچۈن مەسجىدى نەبەۋىينىڭ تېمىغا يۆلەپ خانىلەر بىنا قىلىنغان. ھەزرىتى پەيغەمبەر ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 9 خانىمى تۇل قالغان ۋە بۇ ئاياللار مۇئمىنلەرنىڭ ئانالارى سانالغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى باشقا ئەر كىشى بىلەن توي قىلمىغان.

ھۇجارات سۇرىسىدە تىلغا ئالىنغان ۋە سۇرەگە ئاتىنى بەرگەن، ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ زەۋجەلەرى ئۈچۈن قۇرۇلغان خانەلەرنىڭ كۈنىمىزدىكى شەكلى.

نىكاھلىرى[تەھرىرلەش]

خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد[تەھرىرلەش]

مەككە شەھرىنىڭ تىجارەت بىلەن باي بولغان مەشھۇر ئائىلىرىدىن بىرىگە مەنسۇب بولغان ھەزرىتى خەدىجە\ياكى خەدىچە ھەزرىتى مۇھەممەد ئە.س غا ئەۋۋەل ئىش تەكلىڧى سۇنغان، سوڭرە توي تەكلىڧى قويغان بولۇپ، ھەزرىتى مۇھەممەد 25، ھەزرىتى خەدىجە بولسا 40 ياشلاردا ئىدى دېيىلىدۇ.[2] ھەزرىتى پەيغەمبەر خەدىچە ئانىمىز ۋاڧات بولغۇچە باشقا ئايال ئالمىغان.[3][4] پەيغەمبىرىمىز خەدىچە ئانىمىزدىن 2 ئوغۇل ۋە 4 قىز بولۇپ 6 پەرزەند كۆرگەن.[5][6][7] خەدىچە ئانىمىز ۋاڧات قىلغاندىن كېيىن 2،5 يىل كېيىن، 53 يېشىدىن سوڭرە كۆپ ئاياللىق بولغان.[8]

سەۋدە بىنت زەمئا[تەھرىرلەش]

ھەزرىتى خەدىجە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھاۋلا بىنت ھاكىمنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش تەۋسىيىسى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام55 ياشلاردىكى ھەزرىتى سەۋدە بىنت زەمئا بىلەن نىكاھلانغان.

ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكر[تەھرىرلەش]

سەۋدە بىنتى زەمئا بىلەن توي قىلىپ بىر مۇددەت سوڭرە ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكرى بىلەن چاي ئۈچۈرۈلگەن.[9][10] ھەزرىتى ئائشە بىلەن چاي ئىچىپ ئۈچ يىل سوڭرە، يەئنى ھىجرەتتىن سوڭرە نىكاھلانغان.[11][12] ئائىشە ئانىمىز، ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە نىڭ بۇرۇن توي قىلىپ باقمىغان بىردىنبىر ئايالىدۇر.[13][11] ھەزرىتى ئائىشە ھەزرىتى مۇھەممەد بىلەن توي قىلغان ۋاقتىدا بىر مەنبەدە 9،[14] سېلىشتۇرما تەتقىقاتلارغا كۆرە 17-18 ياكى[15][16] ياكى 20 ياش ئىدى.[17]

زەينەب بىنتى جەھىش[تەھرىرلەش]

بېقىۋالغان ئوغلى زەيدنىڭ قويۇپ بەرگەن ئايالى ۋە ھاممىسىنىڭ قىزى ئىدى.[13][18]

ئۇرۇش يىللىرىدا بولغان نىكاھلار[تەھرىرلەش]

ھىجرەتتىن سوڭرە ھەزرىتى مۇھەممەد، ئۇرۇشلاردا شېھىد بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ تۇل قالغان ئاياللارى بىلەن ئۆيلەنگەن. بۇ ئەھۋال ئاستىدا قىلىنغان نىكاھلار:[19]

ھەڧسە بىنتى ئۆمەر[تەھرىرلەش]

ھەڧسە بىنت ئۆمەر بىن خەتتاب، ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ھۇنەيس بىن خۇزاڧەنىڭ تۇل قالغان ئايالى ۋە ئۆمەر بىن خەتتابنىڭ قىزىدۇر.[20]

ھىند بىنتى ئەبى ئۇمەييەد[تەھرىرلەش]

ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئابدۇللاھ بىن ئابدىلئەسەدنىڭ تۇل قالغان ئايالى.[8][21][22]

رەيھانە بىنتى زەيد[تەھرىرلەش]

بەنۇ قۇرەيزە غەزۋەسىدە ئەسىر تۈشكەن، كېيىنچە مۇسۇلمان بولغاندۇر. ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان نىكاھى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن بولغان.[23]

زەينەب بىنتى خۇزەيمە[تەھرىرلەش]

بەدىر ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئۇبەيدە بىن ئەل ھارىسنىڭ تۇل قالغان ئايالى ئىدى.[24]

تېنچلىق ياكى ئىتتىڧاق مەقسىدى بىلەن بولغان نىكاھلار[تەھرىرلەش]

جۈۋەيرىيە بىنت ھارىس[تەھرىرلەش]

بەنى مۇستەلىق رەئىسى ئەل ھارىسنىڭ قىزىدۇر.[8][21][25]

سەڧىيە بىنت ھۇيەي بىن ئەختاب[تەھرىرلەش]

مەدىنە يەھۇدىيلەرىدىن بەنى نادىر قەبىلىسى رەئىسى ھۇيەي بىن ئەختابنىڭ قىزىدۇر.[26][27]

ئۇممۇ ھەبىبە رەملەھ بىنتى ئەبۇ سۇڧيان[تەھرىرلەش]

قۇرەيىش كاتتىلىرىدىن ئەبۇ سۇڧيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىدۇر.[28]

مارىيە ئەل قىبتىيە[تەھرىرلەش]

مىسىر مۇقاۋقىسىنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە كەلگەن[29] ۋە مەدىنەدە ئىسلام پەيغەمبەرىنىڭ تەبلىغى بىلەن مۇسۇلمان بولغان[21] ۋە كېيىنچە پەيغەمبەر بىلەن نىكاھلانىپ، بىر يىلدىن كېيىن ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولمىش ئىبراھىمنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇر.[8][21][30]

مەيمۇنە بىنت ھارىس[تەھرىرلەش]

ئامىر بىن سائسائا قەبىلىسىدىندۇر.[31]

نىكاھلىرىنىڭ زامان سىزىقى[تەھرىرلەش]

ئائىلە ھاياتى[تەھرىرلەش]

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلەسى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى مەسجىدى نەبەۋىيگە يۆلەپ سالىنغان كىچىك خانەلەردە ياشار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ كەڭلىكى 1.70 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 2.30 مېتر ۋە شىپنىڭ ئىگىزلىكى ئوتتۇرا بوي بىر ئادەم ئۆرە تۇرالىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى. ئىشىك ئورنىدا ئەدىيالغا ئوخشاش بىر پەردە قوللىنىلاتتى.[32] ئەنەس بىن مالىك ر.ئە نىڭ رىۋايىتىگە كۆرە، "پەيغەمبەر ھەر كۈندۈز ۋە كېچە بويىچە، پۈتۈن خانىملىرىنى زىيارەت قىلاتتى ۋە مەسجىدكە يۆلەنگەن خانە سانى 11 ئىدى." (بۇخارىي، 1، 5، 268)[33]

ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە نىڭ رەڧىقەلەرى "ئۇممۇل مۇئمىنۇن\ مۇئمىنلەرنىڭ ئاناسى" دېگەندەك ئالاھىيدە بىر ئورۇنغا ئىگە بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ س. ئە ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە بۇ مەرتىبە يۈزىسىدىن ئالاھىيدە مۇئامىلىگە ئېرىشىشگە رۇخسەت بەرمىگەن.

ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا بولغان مىھىر مۇھەببىتى[تەھرىرلەش]

ئاللاھ تائالانىڭ ئەر بىلەن ئايالنى ئۆزئارا ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىشتىكى يۈكسەك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ)ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“{سۈرە«رۇم»(30-سۈرە)، 21-ئايەت}. قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا: ”ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلارمۇ(سەۋر قىلىڭلار) چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا، ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 19-ئايەت} دەپ تەلىم بەرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: ”ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”مۇئمىنلەر ئىچىدىكى ئىمانى ئەڭ كامىل بولغىنى ئەڭ گۈزەل خۇلقلۇق بولغىنىدۇر. سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار، ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ ”سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئائىلىسىگە قارىتا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەممەن“ (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)؛ ”ئاياللار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە نىكاھىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداڭلار“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)؛ ”ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشى سېنىڭ ئايالىڭدۇر“ (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)؛ ”ئاللاھ تائالا ئاياللار بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئانىلار، قىزلار ۋە ھەدە-سىڭىللاردۇر“ دەپ تەۋسىيە قىلغان. بۇ جەھەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ شانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىمىزدۇر، ئۇ زات ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا، ئۇلارغا مېھرىبان بولۇشتا، ئۇلارنى ئاسراشتا، ئۇلاردىن كەلگەن ئازارلارغا، ئېغىرچىلىقلارغا ۋە سەۋەنلىكلەرگە سەۋر قىلىشتا ۋە ئۇلارغا چىرايلىقچە مۇئامىلە قىلىپ تەسەللىي بېرىشتە، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت ئايرىشتا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتا ئەڭ پەزىلەتلىك زات ئىدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردە ساھابى كىراملارنىڭ: ”ئاياللارغا مېھرىبانلىق قىلىشتا پەيغبەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق بىرىنى كۆرمىدۇق“ دېگەنلىكى؛ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ”پەيغبەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا ۋە كىچىك بالىلارغا ئەڭ مېھرىبان زات ئىدى“ دېگەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇ.

تۆۋەندە بىز ھەدىس شەرىفتە زىكرى قىلىنغان قىسسىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بولغان ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز:

1.ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنىشى

بىر كۈنى پەيغبەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدى. ئۇ زات ھەزرىتى ئائىشەگە: ”مەن سېنىڭ مەندىن رازى بولغان ياكى خاپا بولغانلىقىڭنى بىلىۋالالايمەن“ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ”بۇنى قانداق بىلىسىز“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سەن مەندىن رەنجىپ قالغان ۋاقتىڭدا: ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، (بۇ ئىش) ئۇنداق ئەمەس، دەيسەن، مەندىن رازى بولغان ۋاقتىڭدا مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، (بۇ ئىش) ئۇنداق ئەمەس، دەيسەن“ دېدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ”ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، ئى رەسۇلۇللاھ! توغرا دېدىڭىز، ئەمما ئېغىزىمدىن شۇنداق چىقىپ كېتىدۇ“ دېدى.

2.ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە تەبىئىتىگە كۆنۈشى

پەيغبەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىفتە: ”ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئاياللار ئەگرى قۇۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قۇۋۇرغىنىڭ ئەڭ قىڭغىر يېرى ئۇنىڭ يۇقىرى تەرىپىدۇر. ئەگەر سىز ئۇنى بىراقلا تۈزلىمەكچى بولسىڭىز ئۇنى سۇندۇرۇپ قويىسىز. ئەگەر ئۇنى ئۆز پېتىچە قويۇۋەتسىڭىز ئەگرى پېتى تۇرىۋېرىدۇ. شۇڭا ئاياللارغا سىلىق، ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ يەردە ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش مەقسەت قىلىنماي، بەلكى ئەرلەرگە توغرا چۈشەنچە بېرىش، ئاياللارغا يۇمشاق بولۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەگرىلىكىگە سەۋرى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان، يەنى ئاياللارنىڭ ھارام ھېسابلانمايدىغان بەزى مەسىلىلەردە ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، ئەمما گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردا ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.

3.ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى

پەيغبەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئىشلاردىمۇ ئاياللىرى بىلەن كېڭىشەتتى، پىكىرلىرىنى ئالاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت كىتابلاردا مۇنداق بىر ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقە خاتىرىلەنگەن: مەككە مۇكەررەمە فەتھى قىلىنىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابى كىراملار بىلەن ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككەگە ئاتلانغان، ئۇلار مەككەگە يېقىن بولغان ”ھۇدەيبىيە“ دېگەن جايغا كەلگەندە، مەككەلىك مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە مەككەگە كىرىشكە يول قويمىغان. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككەلىكلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بۇ يىل مەدىنەگە قايتىپ، كېلەر يىلى ئۆمرىگە كېلىش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئون يىللىق ئۇرۇش توختىتىش... قاتارلىق ئىشلاردا ئىتتىپاقلاشقان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ئۆمرە قىلماستىن مەدىنەگە قايتىشى كېرەك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى مەككەدە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى شۇ يەردە بوغۇزلاشقا بۇيرىغاندا، مۇسۇلمانلار مەككەگە كىرەلمىگەنلىكلىرىگە ھەسرەتلىنىپ، ماللىرىنى بوغۇزلاش ئەمرىنى دەرھال ئورۇندىماستىن تۇرۇپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ساھابىلارنى قانداق قايىل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەدبىر ئۈستىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت بەرگەن. ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچكىمگە گەپ قىلماي ئاۋۋال ئۆزى قۇربانلىق مېلىنى بوغۇزلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى بوغۇزلاشقا كىرىشكەن، چېچىنى چۈشۈرگەن ۋە ئىھرامىدىن چىققان، بۇنى كۆرگەن ساھابىلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىقلىرىنى بوغۇزلىغان، چاچلىرىنى چۈشۈرگەن ۋە ئىھراملىرىدىن چىققان.

4.ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرىشى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كىرىپ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىغا تارتىلغان ئارغامچىنى كۆردى-دە: ”بۇ نېمە ئارغامچا؟“ دەپ سورىدى. كىشىلەر بۇ زەينەب بىنتى جەھشنىڭ ناماز ئوقۇپ ھېرىپ قالغاندا ئېسىلىۋالىدىغان ئارغامچىسى، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇنى ئېلىۋېتىڭلار، نامازنى روھلۇق تۇرۇپ ئوقۇڭلار، ئەگەر بوشاپ قالساڭلار ئارام ئېلىڭلار! “ دېدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

5.ئۇلار بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلىشى ۋە سەپەردە بىللە بولۇشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن سەپەرگە چىققاندا ئاياللارنى تۆگىلەر كۆتۈرىدىغان مەپىلەرگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن ئېلىپ ماڭاتتى، ھەمدە يول بويى تۆگىلەرنى يېتىلەپ ماڭغانلارغا: ”بۇ نازۇك شېشىلەرنى سىلىق ئېلىپ مېڭىڭلار“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دەپ تەۋسىيە قىلىپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە قاراڭغۇ چۈشكەندە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن پاراڭلىشىپ سەيلە قىلاتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

6.ئۆي ئىشلىرىگە ياردەمدە بولۇشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى قەدىر-قىممىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەچكە، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشەتتى، ئۇلارغا ئېغىرچىلىق سالمايتتى، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرى توغرۇلۇق سورالغاندا: ”رەسۇلۇللاھ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر ھەدىسدە ئوخشاش سورالغان سوئالغا: ”رەسۇلۇللاھ ئۆيدە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر ئىنسان ئىدى، ئۇ زات ئائىلە ئىشلىرىنى سىلەرگە ئوخشاشلا قىلاتتى، كىيىم-كېچەكلىرىنى ياماپ كىيەتتى، ماللىرىنى ساغاتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى“ دەپ جاۋاب بەرگەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

7.ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا ئىېھسان قىلىشى

پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئاللاھنىڭ ۋەھيىلىرىنى يەتكۈزگەندە تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتقان، مەدەت بەرگەن، قوللىغان زات مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى خەدىجە كۇبرا رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دوست-يارەنلىرىگە سويۇلغان مالنىڭ نېسىۋىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلايتتى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن ھېچ بىر كىشىگە خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا كۈندەشلىك قىلغاندەك كۈندەشلىك قىلىپ باقمىدىم، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى كۆرۈپمۇ باقمىدىم، لېكىن رەسۇلۇللاھ خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى بەك كۆپ تىلغا ئالاتتى، كۆپۈنچە قوي سويۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ گۆشىنى پارچىلاپ خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دوستلىرىغا ئەۋەتىپ بېرەتتى، رەسۇلۇللاھ ھېمىشە خەدىجە ئۇنداق ئىدى، مۇنداق قىلاتتى، مېنىڭ ئۇنىڭدىن بالىلىرىم بار ئىدى دەيتتى“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە مۇنداق دەيتتى: ”كىشىلەر ماڭا ئىشەنمىگەندە، ئۇ ماڭا ئىشەندى؛ كىشىلەر مېنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇ مېنى تەستىقلىدى؛ كىشىلەر مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ مېنى مال-مۈلۈكى بىلەن قوللىدى؛ باشقا خوتۇنلىرىم تۇغماستا ئاللاھ مېنى ئۇنىڭدىن پەرزەنتلىك قىلدى“ (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: مەككە مۇكەررەمە فەتھى قىلىنغان كۈنى بارلىق مەككە ئەھلىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ، قۇرەيشلەرمۇ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلغان قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئەپۇ سورايدۇ، بۇ چاغدا ئۇ زات يىراقتىن بىر قېرى موماينىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرىدۇ-دە، خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۇ موماينىڭ ئالدىغا بېرىپ قارشى ئالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يەكتىكىنى يەرگە سېلىپ ئۇ موماي بىلەن ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشقا باشلايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇ ۋاقىتتا: ”رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ كەتكەن بۇ قېرى ئايال كىم؟“ دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭغا بۇ موماي ھەزرىتى خەدىجەنىڭ يېقىن دوستى ئىدى، دېيىلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ”ئى رەسۇلۇللاھ! سىلەر شۇ ۋاقىتتا نېمە ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشقانتىڭلار؟“ دەپ سورايدۇ. رەسۇلۇللاھ: ”بىز شۇ ۋاقىتتا خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق“ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئائىشەنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ: ”سىز ئۇ دۇنياغا كېتىپ بولغان ئۇ قېرىنى ئالاھەزەل ئەسلەۋاتامسىز؟ ھالبۇكى، ئاللاھ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگەن تۇرسا“ دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ”ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا بېرىلگەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقى كىمكەن؟ باشقىلار مېنى قوغلىغاندا ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغان، باشقىلار مېنى يالغانغا چىقارغاندا ئۇ مېنى تەستىقلىغان“ دېدى. ھەزرىتى ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازراق خاپا بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى كەچۈرۈڭ! “ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سەن مەندىن كەچۈرۈم سوراشتىن بۇرۇن خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەچۈرۈم سورىغىن“ دەيدۇ.

8.ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە توغرا چۈشىنىشى

ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئايالىم ماڭا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلدى، ئاندىن ماڭا گەپ ياندۇردى، مەن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ياقتۇرمىدىم. ئۇ: سەن نېمىشقا مېنىڭ گەپ ياندۇرىشىمنى ياقتۇرمايسەن، ھالبۇكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئۇ زاتقا گەپ ياندۇرسىمۇ، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭدىن خاپا بولمايدىغۇ؟ دېگەن دەيدۇ. شۇندىن باشلاپ ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ئۈلگە قىلىپ ئايالىغا بولغان مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپىلىكتە تۇرۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساھابىلەرنىڭ بىرى ئايالىنىڭ ھېمىشە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ جىدەل قىلىشىدىن ئىچى سىقىلىپ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قېشىغا ئەرز قىلغىلى بارغانىكەن. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆي ئىچىدە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۇ زات بىلەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ جىدەللىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ ئايالىملا شۇنداق ئەمەس ئىكەن، خەلىپىنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بار ئىكەن، دېگەن خىيال بىلەن قايتاي دەپ تۇرۇشىغا ھەزرىتى ئۆمەر ئۆيدىن چىقىپ ئۇنى كۆرۈپ قالىدىكەن ۋە: ”ئۇنىڭدىن مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟“ دەيدىكەن. ھېلىقى ساھابە: ”ھەئە“ دەپ دەردىنى ئېيتىپ، خەلىپىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولغان يەردە، ماڭا نېمە بوپتۇ، دېگەنىكەن. بۇ ۋاقىتتا خەلىپە ئۆمەر ئۇنىڭغا تەسەللى قىلىش بىلەن ۋاپادارلىقى مۇجەسسەملەنگەن مۇنۇ مەشھۇر سۆزىنى دەيدۇ: ”ماڭا قارا، قېرىندىشىم! ئۇ ئايال قورساق كۆتۈرىدۇ، تاماق ئېتىدۇ، كىيىم-كېچەكلەرنى يۇيىدۇ، بالىلارنى تەربىيەلەيدۇ ۋە ئۆينى پاكىز تۇتىدۇ…، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىمىسىمۇ، ئۇ ئۆزلىكىدىن بارلىق ئېغىرچىلىقلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشنى تېپىپ قىلىۋېرىدۇ. مەن ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا بەزىدە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دەرتلىنىشلىرىنى كۆتۈرمىسەم بولامدۇ؟!“

9.ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشى

بىر قېتىم، ھەزرىتى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولۇپ سەپەردە بىرگە بولغانىدى، ھەزرىتى سەفىييەنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولغاچقا رەسۇلۇللاھ ئۇنى يولدا ساقلاپ قالاتتى، بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى سەفىييە يىغلاپ كەتتى ۋە مېنى ئاستا ماڭىدىغان تۆگىگە مىندۈرۈپ قويۇپسىز، دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇبارەك قولى بىلەن ئۇنىڭ كۆز يېشىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزدى(نەسەئى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر رىۋايەتتە، بىر قېتىم ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: ”سەفىييە يەھۇدىينىڭ قىزى“ دېگەن سۆزى سەفىييەگە يېتىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئېغىر كەلدى ۋە يىغلاپ كەتتى، بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ ئۇنىڭدىن: ”سېنى نېمە يىغلاتتى؟“ دېدى، ئۇ: ”ھەفسە مېنى يەھۇدىينىڭ قىزى دەپتۇ“ دېدى(يەنە بىر رىۋايەتتە، ھەزرىتى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا ھەزرىتى ئائىشە بىلەن ھەزرىتى زەينەب بىنتى جەھشنىڭ ئۇنىڭغا: بىز ئىككىمىز ھەممىڭلاردىن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىمىز، چۈنكى ئىككىلىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بولۇپلا قالماي، يەنە تاغىسىنىڭ قىزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولىمىز، دېگەنلىكلىرىنى سۆزلەپ بەردى، دېيىلگەن). شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”ئۇنداق ئەمەس، بەلكى سەن پەيغەمبەرنىڭ قىزى، سېنىڭ تاغاڭمۇ پەيغەمبەردۇر(يەنى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتىدىن ئىدى). سەن ھازىرمۇ مەندىن ئىبارەت پەيغەمبەرنىڭ ئايالى…“ دېدى(تىرمىزى، نەسەئىي رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ”سەنمۇ ئۇلارغا ھارۇن ئەلەيھىسسالام مېنىڭ بوۋام، مۇسا ئەلەيھىسسالام مېنىڭ تاغام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا مېنىڭ ئېرىم بولىدۇ، دېسەڭ بولماسمىدى“ دېيىلگەن.[34]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. Aleem, Shamim (2007). "12. Mothers of Believers". Prophet Muhammad(s) and His Family. AuthorHouse. s. 85. ISBN 978-1-4343-2357-6.
  2. İbnü'l-Esîr, el-Kâmil 2/39
  3. Reeves (2003), ss. 46
  4. Bullough (1998), ss. 119
  5. Peygamber Efendimizin Evliliklerinin Sebep ve Hikmetleri.
  6. İbn Hişam, age., I, 190; İbn Sa’d, Tabakat, I, 133
  7. İbn Hişam, es-Siretü’n-Nebeviyye, I, 190.
  8. 8.0 8.1 8.2 8.3 İbn Sa’d, Ebu Abdillah Muhammed, et-Tabakatü’l-Kübrâ, Beyrut 1985, VIII, 216-220.
  9. D. A. Spellberg, Politics, Gender, and the Islamic Past: the Legacy of A'isha bint Abi Bakr, Columbia University Press, 1994, ss. 40
  10. Watt, Aisha, Encyclopedia of Islam
  11. 11.0 11.1 Karen Armstrong, Muhammad: A Biography of the Prophet, Harper San Francisco, 1992, ss. 145.
  12. Tabari, Volume 9, Page 131; Tabari, Volume 7, ss. 7
  13. 13.0 13.1 Momen (1985), ss. 9
  14. [hadis.ihya.org/buhari/konu/955.html Sahîh-i Buhârî]
  15. http://www.yeniumit.com.tr/konular/detay/aise-validemiz-in-evlilik-yasi#.UeNB_tKG5Ko Dr.Reşat Haylamaz "Aişe Validemizin evlilik yaşı" (Akademik izâhat)
  16. Mehmet Azimli, İslâmi araştırmalar, c.16, sayı 1/2003, Dicle Üniversitesi, İlâhiyat Fakültesi
  17. http://www.suleyman-ates.com/index.php?option=com_content&view=article&id=564%3Ahz-ayenin-evlenme-yayla-ilgili-rivayetler-tarihi-bilgilere-terstir&catid=46%3Aubat-2013&Itemid=97 Aîşenin evlilik yaşı, Prof Dr Süleyman Ateş
  18. Watt (1974), ss. 156-159
  19. [4] Prof.Dr. Mehmet Soysaldı, Peygamber Efendimizin Evliliklerinin Sebep ve Hikmetleri
  20. Nomani (1970), ss. 360
  21. 21.0 21.1 21.2 21.3 http://web.firat.edu.tr/msoysaldi/efendimizinevlilikleri.pdf Prof.Dr.Mehmet SOYSALDI
  22. Umm Salamah. Courtesy of ISL Software. University of Southern California.
  23. http://www.islamkent.org/threads/37323-Her-g%C3%BCn-10-dk-ay%C4%B1r%C4%B1n!-(Hz-Muhammed-(sav)-in-hayat%C4%B1)/page5 Doç Dr Casim AVCI Hz.Muhammed (sav)'in hayatı
  24. Watt(1956), pg.393
  25. Rodinson, ss. 196.
  26. Watt (1964) ss. 195
  27. Nomani(1970) ss. 424.
  28. Umm Habibah: Ramlah Bin Abi Sufyan. IslamOnline.
  29. A. Guillaume (1955), ss. 653
  30. İbn Sa’d, age., VIII, 212, 213.
  31. Al-Shati, Bint (2006-12). The wives of the Prophet. Matti Moosa (trans.), D. Nicholas Ranson. Gorgias Press LLC. s. 52. ISBN 978-1-59333-398-0.
  32. Numani, ss. 259-60
  33. Ramadan (2007), ss. 168-9
  34. ئادىل ھاجى كېرىم، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، 2014-يىل 1-سان