زەينەب بىنت جەھىش

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
زەينەب بىنت جەھىش

ھز. مۇھەممەدنىڭ رەڧىقىسى

تخطيط كلمة زينب بنت جحش.png
نىكاھ(لار) تۇنجى ئېرى نامەلۇم (ئۆ. 622)

زەيد بىن ھارىسە (ئاجراشقان)

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ


ئاتاسى جەھىش ئىبن رىياب
ئاناسى ئۇمەييە بىنت ئابدۇلمۇتتەلىب
توغۇلىشى 590، مەككە
ۋاڧاتى 641، مەدىنە
دەڧن جەننەتۇل مۇئەللا
دىنى ئىسلام

زەينەب بىنت جەھىش (ئەرەبچە: زينب بنت جحش) (م. 590—641، مەدىنە)، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى، ئسىلام پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زەۋجەلەرىدىن بىرىدۇر.[1]

كىملىكى[تەھرىرلەش]

زەينەب بىنت جەھش، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھاممىسى ئۈمەييە بىنت ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ قىزىدۇر.[1][2]

زەيد بىن ھارىسە بىلەن نىكاھى[تەھرىرلەش]

مۇھەممەد ئە.س، زەيىد بىن ھارىسەنى بالا قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭغا مۇھەممەدنىڭ ئوغلى زەيد دېيىلەتتى.

ھەزرىتى زەينەب، تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغانلاردىن ئىدى. مۇھەممەد ئە.س ئازادگەردىسى ۋە بېقىۋالغان ئاتىسى بولغان زەيد بىن ھارىس بىلەن، ھىجرىيە 5. يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا نىكاھلانغان.[3]

ھەزرىتى زەينەبنىڭ نەسەبلىك بىر ئائىلىدىن كېلىشى، ئېرى زەيىدنىڭ بولسا كېيىنچە ئازاد بولغان قۇل ۋە كېيىن ھۈر بولغان بىرى بولىشى؛ ئەر-ئاياللار ئارىسىدا تەبىقە پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. ھەزرىتى زەينەبنىڭ يولدىشى زەيد بىن ھارىسەگە كۆڭلى تۈشمىگەنىدى، ئائىلىدە قەتئىي كېلىشەلمىدى. زەينەب بىنت جەھىش بۇ نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشنى خاھلىمايىتتى، مۇھەممەد ئە.س نىڭ تەلىپى بىلەن داۋام قىلىۋاتاتتى. زەيد بىن ھارىسە، تويىنىڭ بىرىنچى يىلى تولمايلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، "يا رەسۇلىللاھ! مەن، ئائىلەمدىن ئايرىلاي دەيمەن" دېدى.[4] ھز. مۇھەممەد “ئايالىڭنى ساقلا ۋە ئاللاھتىن قورق.“[5][6][7] دەپ جاۋاپ بەردى. لېكىن زەيد زەينەبتىن بوشاندى.[8]

ھز. مۇھەممەد بىلەن نىكاھى[تەھرىرلەش]

زەيد بىن ھارىسەدىن ئايرىلغان زەينەب بىنت جەھىشنىڭ ئىددىتى توشقان ۋاقىتتا 35 ياشتا ئىدى. ھز. مۇھەممەدكە بىركۈنى زەۋجەسى ئائىشە بىلەن ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىۋاتقاندا ۋەھىي كېلىدۇ.

“ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھ تىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھ تىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھ نىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھ نىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھ نىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر..."(سۇرە ئەھزاب: 37-38)

ۋاپاتى[تەھرىرلەش]

ھز. مۇھەممەد ئە.س دىن سوڭرە تۇنجى ۋاپات قىلغان رەپىقىسى زەينەب بىنت جەھىش بولغان. ھەزرىتى زەينەب ھىجرىينىڭ 20. يىلى 53 يېشىدا ۋاپات قىلغان. جىنازە نامىزىنى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبىن خەتتاب تۈشۈرگەن.

ھەرزىتى زەينەب، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن 11 ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 http://web.firat.edu.tr/msoysaldi/efendimizinevlilikleri.pdf Prof.Dr.Mehmet SOYSALDI
  2. İbn Sa'd,Tabakat, c.8, s.101
  3. كائىناتنىڭ كاتتىسى پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھاياتى، سالھ سۇرۇچ، 370. نەشرى، 495. بەت
  4. كائىناتنىڭ كاتتىسى پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھاياتى، سالھ سۇرۇچ، 370. نەشرى، 496. بەت
  5. İbn Sa'd, a.g.e. c.8, s.101
  6. Tirmizi, Sünen, c.5, s.354
  7. İbn Kesir, Tefsir, c.3, s.491
  8. Komisyon, Büyük İslam Tarihi, c.I, s.329