رەملە بىنت ئەبى سۇڧيان

ئورنى Wikipedia
رەملە بىنت ئەبى سۇفيان
رملة بنت أبي سفيان
ھز. مۇھەممەدنىڭ رەپىقىسى
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 31 / م. 597
ۋاپاتىھ. 44 / م. 664
جۆرە(لەر)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام


ھەزرىتى ئۇممۇ ھەبىبە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ أُمُّ حَبِيْبَةَ رَمْلَةُ بِنْتُ أَبِي سُفْيَانَ الأُمَوِيَّةُ) رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى رەملە ئەلئۇمەۋىييە. (ھ. بۇرۇن 31 – ھ. 44 / م. 597 – 664) يولدىشى بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان. يولدىشى خرىستىيان بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسلام يولىدىكى پىداكارلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالغان ۋە «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان فەقىھە زات.