Jump to content

مۇئمىن

ئورنى Wikipedia

مۇئمىن ياكى مۆمىن (ئەرەبچە:المؤمن)، ئىمان كەلتۈرگۈچى ياكى ئىشەنگەن دېگەن مەنىدە بولۇپ ئىسلامىيەتتىن سوڭرە ئەرەبچىدىن تۈركىي تىلغا كىرگەن بىر سۆزلۈكتۇر.

ئېتمولوگىيىسى

[تەھرىر]

مۇئمىن كەلىمىسى ئەرەبچىدىكى ئەمن دىن ئىسملىك پىئېل سۈپىتىدە تۈرلىنىپ كەلگەن. ئوخشاش سۆز يىلتىزىدىن كەلىپ تۈرلەنگەن باشقا كەلىمىلەر ئەمىن، ئامىن. ئەمنىيەت، ئامانەت قاتارلىقلاردۇر.

ئىسلام ئەدەبىياتىدىكى قوللىنىلىشى

[تەھرىر]

قۇرئاندا ئاللاھ ھەق سۇبھانە ۋە تەئالا تەرەڧىدىن بىلدۈرۈلگەن بۇ سۈپەت، ئاللاھقا ئىشىنىپ چوقۇنغان ياكى ئۆزىگە ئىشىنىلىدىغان دېگەن مەنىلەردە كەلمەكتە. ئىتىقادنىڭ، ئاللاھ بىلەن قۇل ئورتاسىدىكى كۈچلۈك ئىشەنچ باغلىنىشىنىڭ ئاتىدۇر. شۇنداقلا قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر. ئىسىم ئاللاھقا ئىزاڧە قىلىنغاندا مەنىسى ئۆزگىرىپ (ئىسمى مەڧئۇل) ئىشىنىلىدىغان دېگەن مەنىگە كېلىدۇ.

مۇئمىن سۈپىتىنىڭ قۇرئاندىكى يېرى

[تەھرىر]

وَلَا تَهِنُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَنتُمُ الْأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.

——— سۇرە ئال-ئىمران 139. ئايەت.

قوللىنىلىشى

[تەھرىر]

ئەر مۇسۇلمانلارغا مۇئمىن\مۆمىن؛ ئايال مۇسۇلمانلارغا مۇئمىنە\مۆمىنە دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئەر كىشى ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ؛ مۆمىن، مۆمىنجان ئابلىكىم

مەنبەلەر

[تەھرىر]