قۇل
Appearance
![](http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/2/20/Cat%C3%A9chiste_prisonnier_dans_un_filet%2C_Les_Balo%C3%AFs_%28Haut-Oubanghi%29%2C_1905.jpg/220px-Cat%C3%A9chiste_prisonnier_dans_un_filet%2C_Les_Balo%C3%AFs_%28Haut-Oubanghi%29%2C_1905.jpg)
قۇل (ئىنگ: bondman، خەنزۇچە: 虏)، ئىسىم ① تارس. ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈك – دۇنيا قاتارىدا ئېلىپ سېتىلغان، تەقدىرى پۈتۈنلەي قۇلدارغا قاراشلىق بولغان، ئۆزى ھېچقانداق ھوقۇق ۋە مال – مۈلۈككە ئىگە بولمىغان چاكار: قۇل بازىرى.
②كۆچمە. بىر كىمگە، بىر نەرسىگە قاتتىق بېرىلگەن كىشى، ئۇنىڭ پىدائىيسى: خوتۇن كىشى –تۆت تامنىڭ قۇلى (ماقال);
③ بەندە، دىنلارغا كۆرە تەڭرى ياكى تەڭرىلەرگە ئىبادەت، مەسئۇلىيەت ۋە ساداقەت بورچى بولغان جانلىق؛ بەندىچىلىك.
ئايال قۇللارغا، دېدەك، چۆرە، جارىيە دېيىلىدۇ.