تامغا نەزىرىيەسى

ئورنى Wikipedia

”تامغا“[1] گوفماننىڭ سىمۋوللۇق ئالاقە چۈشەنچىسى ئەكىس ئەتكەن يەنە بىر مۇھىم كىتاب ھىسابلىنىدۇ. گوفمان تامغا نەزەرىيەسى ئارقىلىق تامغىلانغان ئىساننىڭ كىملىكى ۋە ئۆزلۈكىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، تامغىلانغان ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلغان.

تامغىلانغان ئىنسانلار باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، يەكلىنىدۇ. تامغىلانغان ئىنسان ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى كىملىكىنى قۇرۇشقا تىرىشىدۇ ياكى كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغان بولىدۇ. تامغىلانغان ئىنسانلار كاتىگورىيەسىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كەمتۈكلەر، پاھىشەلەر، زەھەر چەككۈچىلەر ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئومۇمىي كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر كىرىدۇ.

گوفمان تامغىلانغان كىشىلەرنىڭ بىئوگراپىسىنى ئاختۇرۇش، تامغىلانغانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئوسۇللار بىلەن تامغىلانغان ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە باشقىلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئانالىز قىلغان.

گوفمان كىتابىنىڭ بېشىدا ئۈچ تۈرلۈك تامغىلانغان كىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بىرىنجىسى، خاراكتىرى جەھەتتىن تامغىلانغان كىشىلەر. مەسىلەن، روھىي تەمپۇڭسىزلار، ھاراقخۇمارلار، زەھەر چەككۈچىلەر، ئوخشاش جىنىسلار، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار قاتارلىقلار؛ ئىككىنجىسى، جىسمانى جەھەتتىن تامغىلانغان كىشىلەر. مەسىلەن، مېيىپ ياكى ئەزاسى كەمتۈك ۋە نورمالسىز كىشىلەر؛ ئۈچىنجىسى، كىملىكى تامغىلانغان گۇرۇپ ياكى توپ. مەسىلەن، مەلۇم مىللەت ياكى ئىرىقنىڭ باشقا مىللەت ۋە ئىرىق ئالدىدا كەمسىتىلىشى ۋە تۆۋەن كۆرۈلۈشى.

تامغىلانغان ئىنسانلار باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلالمايدۇ ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرايدۇ. ۋەھالەنكى، تامغىلاش ئەسلىدە بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇپپىنىڭ مەلۇم  كىشى ئۈستىدىكى كاتىگورىيەگە ئايرىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۆزىنى ”نورمال“ سانىۋالغان كىشىلەر ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كاتىگورىيەدىكى كىشىلەرنى يەكلەيدۇ، تۈرگە ئايرىيدۇ ۋە تامغىلايدۇ.

گوفمان ”يۈزىنى يۇقىتىدىغان، ئىشەنچىسىزلىشىدىغان“(discreditable)[2] كىشىلەر بىلەن ”يۈزى يوق، ئىشەنچىسىز“(discredited)[3] كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرگەن. ئىشەنىچسىزلىشىدىغان كىشىلەر ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىرىشىلىشىنى كونترول قىلىدۇ. ئىشەنىچسىزلىك بىلەن تامغىلانغان كىشىلەر ”نورمال“ كىشىلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدە كىلىپ چىققان جىددىيلىكنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولىدۇ.[4]

تامغىلانغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى تامغىسىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن سىتىراتىگىيەلەرنى قوللانغان بولىدۇ. نورغۇن كەمتۈك تەرەپلىرىنى ”نورمال“لاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆزگەرتىش؛ بىر جەمئىيەتتىن يەنە باشقا بىر جەمئىيەتكە كۈچۈپ بېرىپ ياشاش دىگەندەك. تامغىلانغانلار كۈپەيگەنسىرى تامغىلانغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ھەمجىنىسلىقلار جەمئىيتى دىگەندەك. چۈنكى، تامغىلانغان ئىنسانلار باشقىلار تەرىپىدىن يەكلەشكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆز خىلى بۇيىچە ئىجتىمائىي ئالاقە قۇرۇپ چىقىدۇ.

تامغىلانغان ئىنسانلارنىڭ بەزىسى تامغىسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئويلىسىمۇ، ئەمما، بەزىسى تامغىنى ئىجتىمائىي كىملىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ ۋە تېخمۇ ”نورمالسىز“لىشىدۇ.

تامغىلانغان ئىنسانلار باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ نوقسانلىرىنى ۋە سالاھىيتىنى نورغۇن ۋاستە ۋە تاكتىلاردىن پايدىلىنىپ يۇشۇرىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشقا تىرىشىدۇ.

جەمئىيەتتە باشقىلارنى تامغىلاش ئارقىلىق بار بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدىغىلى بۇلىدۇ. بۇ دىگەنلىك، تامغىلاش ناچار قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كىتىشىنى توسۇشتىكى مىكرو كونترول ھىسابلىنىدۇ. ئەمما، شۇنى ئەسكەرتىش كىرەككى، تامغىنى ياخشى ياكى ناچار دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كىمنىڭ كىمنى ۋە قانداق ئەھۋالنى بىنورمال ھىسابلايدىغانلىقىغا قاراش كىرەك. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى، جىسمانىي جەھەتتىن نورماللار كەمتۈكلەرنى، روھىي جەھەتتىن تەمپۇڭلار تەمپۇڭسىزلارنى تامغىلاشقا ئامراق. بۇ يەردىكى مەسىلە كىمىنىڭ كىمنى تامغىلىشى ۋە تامغىلاشنىڭ ماھىيەت مەسىلىسى. مەسىلەن، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلار قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتەتتى، ساپاسىز دەپ قارايتتى. ئۇلارنى جەمئىيەتتىكى جىنايەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى.

قىسقىسى، تامغا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە چەتكە قېقىش مۇناسىۋېتىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تامغىلاش ھادىسىسىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

[1] تامغىلاش باشقىلارنى كاتىگورىيەگە ئايرىش ۋە چەتكە قېقىش ھادىسىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قارا تەنلىكلەرنى ساپاسىز، دەپ قالپاق كىيگۈزۈشكە ئوخشاش.

[2] تامغىلانغان، ئەمما، تامغىسىنى يوشۇرىدىغان، كەمچىلىكى ھامىنى ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان كىشى.

[3]  بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ تامغىسى مانا مەن بىلىنىدۇ.

[4] Ruth Wallace, Alison Wolf, Cotemporary Sociological Theory(sixth edition), New Jersey, 2005, P.241