تامپاس ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

تامپاس ئويۇنى - ئاتۇش ئېكساق كەنتىدە دېھقانلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئويناپ كەلگەن ئويۇن. بۇ ئويۇندا، ئويۇنغا چۈشكۈچىلەر ئىككى تەرەپكە تەڭ بۆلۈنۈپ قارىمۇ قارشى مۇسابىقىلىشىدۇ. تامپاس ئويۇنى ھەققىدە تارىخىي ماتېرىياللاردا يېزىلمىغان. بىراق، 1982 - يىلى 94 ياشتا ۋاپات بولغان ئىمىن ئاخۇن، 1962 - يىل 82 ياشتا ۋاپات بولغان ئابلا ھاجىملار <بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇ ئويۇننى چوڭلار ئوينايتتى> دېگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئويۇننىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئادەم، مەيدان، توپ. ئادەم سانى: ھەر تەرەپتە بەشتىن جەمئىي 10 غىچە ئادەم قاتنىشىدۇ. مەيدانى: ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىر ئەتراپىدا بىر تۈز مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاقارتىلغان ئىككى توغرا تام بولىدۇ. بۇ ئىككى تامنىڭ ئوتتۇرىغا، ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايىغا قارا سىزىق بىلەن رادىئوسى 30 سانتىمېتىرلىق ئىككى چەمبەر سىزىلىدۇ. بۇ چەمبەرنىڭ ئىچىگە يەنە رادىئوسى 10 سانتىمېتىر بولغان ئىككى كىچىك چەمبەر سىزىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا چۈشكۈچىلەر بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ، ئويۇن باشلاش ھوقۇقى تالىشىدۇ. قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن ئويۇن باشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولسا، شۇ تەرەپ ئۆز تېمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن توپنى ئۆز ئارا پاسلىشىپ قارشى تەرەپ تېمىغا سىزىلغان چوڭ چەمبەرگە ئېتىپ كىرگۈزسە بىر نومۇرغا، كىچىك چەمبەرگە كىرگۈزسە ئىككى نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئېتىلغان توپنىڭ ئاز قىسمى چەمبەر سىزىقىنى باسما يېرىم نومۇرغا ئىگە بولىدۇ. توپنى چەمبەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەن تەرەپ توپ باشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىۋېرىدۇ. توپ باشلىغان تەرەپ توپنى چەمبەرگە ئېتىش جەريانىدا توپنى سىرتقا چىقىرىۋەتسە توپ باشلاش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتىدۇ. ئەگەر توپ باشلىغۇچى تەرەپ ئۆز ئارا پاسلىشىش جەريانىدا، توپ قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇ چاغدا توپ باشلاش ئورنىدىن توپ باشلىماي، ئۆز ئارا پاسلىشىپ، قارشى تەرەپ تېمىنىڭ چەمبىرىگە ئېتىۋەرسە بولىدۇ. ئاخىرى پۈتۈشكەن توپ سانىغا قايسى تەرەپ بۇرۇن يەتكۈزسە شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ. بۇ ئويۇن جەريانىدا بىر - - بىرىنى تۇتۇۋېلىشقا، قولىدىن توپنى تارتىۋېلىشقا، پۇتلاشقا بولمايدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر قائىدىگە خىلاپلىق ھەرىكەت ھېسابلىنىپ ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. بىراق، ئورنىغا ئادەم تولۇقلانمايدۇ. بۇ ئويۇنغا چوقۇم بىردىن - ئىككىگىچە قائىدە ئىجرا قىلغۇچى بولۇشى كېرەك."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]