تاياقچە باكتېرىيە

ئورنى Wikipedia

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ياپونىيىنىڭ مىناماتا رايونىدا بىر غەلىتە كېسەل پەيدا بولغان. دەسلىپىدە بىمارنىڭ قول-پۇتلىرى قولىشىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاڭلاش، كۆرۈش سېزىمى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئاخىرىدا نېرۋىسى نورمالسىزلىشىدىكەن، بەدىنى كامالەكتەك ئېگىلىپ دوكلىشىپ، پاجىئەلىك ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

قولاي تىزىملىك[تەھرىرلەش]

  • قامۇس باشبېتى
  • سۈرەتلەر

مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

 

تاياقچە باكتېرىيە ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ياپونىيىنىڭ مىناماتا رايونىدا بىر غەلىتە كېسەل پەيدا بولغان. دەسلىپىدە بىمارنىڭ قول-پۇتلىرى قولىشىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاڭلاش، كۆرۈش سېزىمى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئاخىرىدا نېرۋىسى نورمالسىزلىشىدىكەن، بەدىنى كامالەكتەك ئېگىلىپ دوكلىشىپ، پاجىئەلىك ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم ئۇنىڭ نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەي، شۇ يەرنىڭ نامى بويىچە «مىناماتا كېسىلى» دەپ ئاتىغان. مېدىتسىنا خادىملىرىنىڭ نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئاخىر بۇ غەلىتە كېسەلنىڭ سىرى ئېچىلغان: ئەسلىدە شۇ يەردىكى زاۋۇت چىقىرىپ تاشلىغان تەركىبىدە سىماب بار كېرەكسىز سۇ مىناماتا قولتۇقىنى بۇلغىغان، بۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى بېلىق-راكلارنىڭ تېنىدىكى سىماب مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، ئادەملەر بۇ بېلىق، راكلارنى يېگەندىن كېيىن، سىماب ئادەم بەدىنىگە كىرگەن، سىمابنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى جۇغلىنىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، قورقۇنچلۇق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

سىماب بىرىكمىلىرى تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان بۇلغىغۇچى ماددىلاردۇر. كىشىلەر ئۇنى فىزىكىۋى ۋە خىمىيىۋى ئۇسۇللار بىلەن تىزگىنلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئاخىرى ئاجايىپ ماھارەتلىك مىكرو ئورگانىزملارنى تەكلىپ قىلغان.

مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدا بىر تۈركۈم مەخسۇس سىماب يەيدىغان پالۋانلار بار، مەسىلەن، يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك تاياقچە باكتېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان باكتېرىيىلەر تەركىبىدە سىماب بولغان كېرەكسىز سۇغا كىرسە، ئۆزى ھېچنېمە بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، سىمابلارنى يەپ تېنىدىكى بىر يۈرۈش ئالاھىدە ئېنزىم سىستېمىسى ئارقىلىق سىماب ئىئونلىرىنى مېتال سىمابقا ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاسكىنا سۇنى ساپلاشتۇرۇشقىمۇ، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى سىمابنى ئامال قىلىپ يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ، يەنى بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ.

مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى، مەسىلەن، سانى كۆپ بولغان باكتېرىيىلەر، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى، كۆكىرىك زەمبۇرۇغلىرى ۋە بەزى ئىپتىدائىي جانلىقلار، ئەمەلىيەتتە، ئاللىبۇرۇن پاسكىنا سۇلارنى تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ بۇلغىغۇچى ماددىلارنى قورسىقىغا يەپ، ھەر خىل ئېنزىم سىستېمىسىنىڭ رولى بىلەن، بەزى بۇلغىغۇچى ماددىلارنى ئوكسىدلاپ ئاددىي ئانئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدىكى ئېھتىياجىنى قامدايدۇ؛ بەزى بۇلغىغۇچى ماددىلار ئۆزگەرتىلىپ، سۈمۈرۈلۈپ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈش-كۆپىيىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق، كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلار تازىلىنىپ چىقىرىۋېتىلىپ، مەينەتلىشىپ كەتكەن سېسىق پاسكىنا سۇ پاكىزلىنىدۇ. بەزىلىرى كېرەكسىز ماددىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرغاچقا، پاسكىنا سۇدىن سانائەتنىڭ قىممەتلىك خام ئەشيالىرىنى يىغىۋالغىلى بولىدۇ؛ بەزىلىرى زىيانلىقنى پايدىلىققا ئايلاندۇرالىغاچقا، زىيانلىق پاسكىنا سۇلار ئېتىز-ئېرىقلار سۇغىرىلىدىغان ئوغۇتلۇق سۇ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى