تاھىر ھامۇت

ئورنى Wikipedia

شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى(ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان "ياز بىر سۈيقەست"، "ئارىلىق" دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى خېيلوڭجىياڭ خەلق خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى نەشر قىلغان "ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر" دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى "يۈرەكسىز سۆيگۈ"(1996)،"قەشقەردىكى يەر شارى"(2000) قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى ئۇنىڭ «غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دېگەن كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. تاھىر ھامۇتنىڭ "جەنۇبقا سەپەر" ۋە "93 قۇربان ھېيت ھارپىسى" ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ئەسەبىي ئات" (Crazyhorse) ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللى ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانى (ئومۇمىي79-سانى)دا ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما شەكىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇ ژۇرنالغا تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تاھىر ھامۇتنى " ئۇيغۇر مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى" دەپ ئاتىغان. تاھىر ھامۇتنىڭ "قەشقەرگە قايتىش" ناملىق يەنە بىر پارچە شېئىرىنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ئەدەبىيات ژۇرنىلى "دېڭىز قولتۇقى قىرغىقى"((Gulfcoastنىڭ 2012-يىللىق 24-سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە تەرجىمىھالى بېرىلگەن. تاھىر ھامۇت 1998-يىلدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كىرىپ، كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، ھۆججەتلىك فىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت فىلىمى ۋە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان. 2007-يىلىدىن باشلاپ تەكلىپلىك پروففېسسور سۈپىتىدە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تېلېۋىيە-دراما فاكولتېتىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ 2009-يىلى شىنجاڭ ئىزگىل كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنى قۇرغان.

تاھىر ھامۇتنىڭ ۋەكىللىك شېئىرلىرى:"

ياز بىر سۈيقەست"(1993)

"جەنۇبقا سەپەر"(1995)

"قەشقەرگە قايتىش"(1998)

"تاش ئەينەك"(2000)

"مەن بىلدىم"(2007)

"ئاغرىق"(2010)

"لېكىن"(2011)

"ئايال"(داستان)(2012)

تاھىر ھامۇت رېژىسسورلۇق قىلغان ئاساسلىق ئەسەرلەر:

«ئاي گۇۋاھ» (تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش مەركىزى ئىشلىگەن، 1999-يىل)

  «قاراڭغۇ تاغ» (تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى،شىنجاڭ دراما ئۆمىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش مەركىزى ئىشلىگەن،2001 -يىل، بۇ فىلىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-قانىلىدا قويۇلغان.)

  «سەھرادىكى مۇڭلۇق كۈي» (تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، شىنجاڭ ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى سارىيى ئىشلىگەن، 2003-يىل)«تەكلىماكان مەشرىپى» (ناخشا-ئۇسسۇل فىلىمى،مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2003-يىل)

  «ئائىلىدىكى ئىشلار» (3قىسىم)، (تېلېۋىزىيە ئۆي ئىچى فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2003-يىل)

  «تەنھا سۆيگۈ» (ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ 3قىسىملىق MV توپلىمى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2005-يىل)

  «2005-يىللىق كىچىك زېرەك ساداسى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان، 2005-يىل)

  «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» (مۇزىلىكىلىق تىياتىرنىڭ DVDسى،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2005-يىل)«جۇڭگو تېلېگرافى كىچىك زېرەك ئوبراز ئېلانى» (تېلېۋىزىيە ئېلانى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان، 2005 -يىل)

  «2006-يىللىق كىچىك زېرەك ساداسى چولپانلار كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان،2006 -يىل)

 «يارىمغا چاي تۇتتۇم» (پەرىدە مامۇت MV توپلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2006-يىل)

  «ئابلەت ئابلىكىم ئىجادىيەت كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى كېچىلىكى، ئۈن-سىن نۇسخىسىنى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2006-يىل)

  «بى دەردىڭ» (ئايشىگۈل مۇھەممەد MV توپلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2006-يىل)

  «2007-يىللىق نورۇز ناۋاسى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكى» (چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرىسال سەنئەت كېچىلىكى، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن،2007 -يىل)

  «گۈل ئىشقى» (مېھرىگۈل ھەسەن MV توپلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2007-يىل)

  «ئۇيغۇرلاردا قۇربان ھېيت» (ھۆججەتلىك فىلىم، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىتېتى 985 قۇرۇلۇشىغا تەۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى (2008-يىل). بۇ فىلىم يەنە 2009-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 61-نۆۋەتلىك گېرمانىيە فرانكفورت خەلقارا كىتاپ فستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان.)

  «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى. گۇما كىلياڭ مەشرىپى» (غەيرى ماددى مەدەنىيەت تىپىدىكى سەنئەت فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2008-يىل)

  «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى. ئالتاي تەبرىك مەشرىپى» (غەيرى ماددى مەدەنىيەت تىپىدىكى سەنئەت فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2008-يىل)

  «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى. ئۈچتۇرپان توققۇزبۇلاق مەشرىپى» (غەيرى ماددى مەدەنىيەت تىپىدىكى سەنئەت فىلىمى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2008-يىل)

  «ناۋا» (12-،13-،14-،15-،16-،17-سانلىرى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت پروگراممىسى، 2008-يىل 7-ئايدىن 2009-يىل 1-ئايغىچە)

  «بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئوبراز ئېلانى» (تېلېۋىزىيە ئېلانى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان. 2010-يىل 1-ئاي)«قەدىمىي ھاياجان - مەشرەپ» (ھۆججەتلىك فىلىم، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2012-يىل)

  "«ئۈمىدنى تەبرىكلەش-نورۇز بايرىمى» (ھۆججەتلىك فىلىم، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2012-يىل)

  "«فوتو سۈرەتتىكى قۇربان ھېيت» (ھۆججەتلىك فىلىم، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 2012-يىل)