تاۋار ماركىسى

ئورنى Wikipedia

ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان تاۋارلارغا ياكى ئۇلارنىڭ ئورالمىسىغا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوخشاش تۈردىكى باشقا تاۋارلاردىن ئاسان پەرقلەندۈرۈۋېلىشى ئۈچۈن ئېنىق بەلگە قويۇلغان، بۇ خىل بەلگە تاۋار ماركىسى دېيىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە تاۋارنىڭ ئۈستىگە ھۈنەرۋەننىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشخانىسى، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئويۇپ قويۇلاتتى، كېيىن يېزىق، شەكىل، بەلگە ياكى ئۈچىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ھاسىل بولغان تاۋار ماركىسىغا تەرەققىي قىلدى. تاۋار ئىشلەپچىقىرىش يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە كەلگەندە، تاۋار ماركىسى كەڭ قوللىنىلىپ، يالغۇز تاۋارنىڭ بەلگىسىلا ئەمەس، بەلكى سودا رىقابىتىنىڭ قورالىغا ئايلاندى. تاۋار ماركىسى كۈچلۈك نامايانچانلىققا ۋە تەشۋىقاتچانلىققا ئىگە بولغاچقا، ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋارلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، تاۋار ماركىسى ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ بازاردا ئۆز ئىناۋىتىنى تىكلىشىگە، تاۋارلىرىنىڭ بازار تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاۋار ماركىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان سۈپەتكە ئىگە تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاۋارلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق، تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىشى، شۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋار ماركىسى يەنە ئېلان - تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋارغا بولغان تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مەلۇم تاۋارنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىستېمالچىلاردا تاۋار ماركىسى ئارقىلىق ئاسانلا تەسىرات شەكىللىنىدۇ - دە، ئۇلاردا سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى قوزغىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنىڭ بازاردىكى ئىناۋىتى تاۋارنىڭ سۈپىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىشلىتىشى ئارقىلىق تۇرغۇزۇلىدۇ. تاۋار ماركىسى تاۋارنىڭ بازاردىكى ئورنى ۋە سېتىلىش يولىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان بەزى كارخانىلار ۋە شەخسلەر باشقىلارنىڭ ئىناۋىتى ياخشى تاۋار ماركىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، پايدىغا ئېرىشمەكچى بولۇشىدۇ. تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن، كارخانىلار تاۋارلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى، دۆلەت قانۇنىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىياندىن ساقلىنىشى كېرەك. كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماققا تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس دەپتەرگە تىزىملىتىشى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دېيىلىدۇ. تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن مەخسۇس دەپتەرگە تىزىملانغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسى دېيىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئەگەر ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىنى ياكى ساختىسىنى بايقىسا، تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، دەخلى - تەرۇزنى تۈگىتىش ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى، بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى ۋە تاۋارنىڭ سۈپىتىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]