توتېم

ئورنى Wikipedia

توتېم قەبىلە، قوۋىمنىڭ مەلۇم بىر خىل جانلىق نەرسىنى ئۆز نەسلىگە سىمۋول قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىدىغان ئىلاھىي قۇدرەتكە ئىگە جانلىق دەپ تېۋىنىشتىن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي ئىتىقاد تۈرى. توتېم (totem) ئىندىئان تىلىدا «قاياشى»، «تۇغقىنى»، «جەمەتى» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «ئونگۇن» (ongun) دېيىلىپ ، «ئوزۇق بولسۇن»، «قۇتلۇق بولسۇن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :توتېم


ئىنگىلىزچە نامى :totem

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

توتېم (totem) ئىندىئان تىلىدا «قاياشى»، «تۇغقىنى»، «جەمەتى» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «ئونگۇن» (ongun) دېيىلىپ ، «ئوزۇق بولسۇن»، «قۇتلۇق بولسۇن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن. توتېم قەبىلە، قوۋىمنىڭ مەلۇم بىر خىل جانلىق نەرسىنى ئۆز نەسلىگە سىمۋول قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىدىغان ئىلاھىي قۇدرەتكە ئىگە جانلىق دەپ تېۋىنىشتىن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي ئىتىقاد تۈرى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، ئالتاي – ئورال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان باشقا قەدىمكى خەلقلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ھەر بىر ئۇرۇقنىڭ مەلۇم شەيئى بىلەن ئالاھىدە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار دەپ ئىشەنگەن. مەزكۇر شەيئى (كۆپىنچە ھايۋانلار) شۇ ئۇرۇقنىڭ توتېمى – ھىمايىچىسى ۋە تېمسالى بولۇپ قالغان. مەسىلەن : شىر(ئارسىلان)، قۇش (لاچىن، بۈركۈت، توغرۇل قۇشى، بۇلبۇل، قارلىغاچ)، ئەجدەرھا، كۆك بۆرە، ئات، تۆگە، ئۆكۈزنى توتېم قىلىش، قاتارلىقلار قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان قوۋىملاردا ئىلگىرى-كېيىن ياكى بىرلا ۋاقىتتا توتېم قىلىنغان.

مەھمۇد كاشىغەرىي «باراق» (بىر خىل ئوۋ ئىتى) نى مۇنداق ئىزاھلىغان :« باراق- پاخماق يۇڭلۇق ئوۋ ئىتى. تۈرىكلەرنىڭ ئىتىقادىچە، بۈركۈت قېرىغاندا ئىككى تۇخۇم تۇغۇپ، ئۇلارنى باسار ئىمىش؛ تۇخۇملارنىڭ بىرىدىن باراق ئاتلىق كۈچۈك چىقار ئىمىش، ئىتلارنىڭ ئەڭ ئوبدىنى ۋە يۈگرۈكى ۋە ھەممىدىن ئوبدان ئوۋ قىلالايدىغىنى شۇ باراق ئىتى بولار ئىمىش؛ ئىككىنچى توخۇمدىن بۈركۈتنىڭ چۆجىسى چىقار ئىمىش، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرىقى چۈجىسى بولار ئىمىش.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم).

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان ئىپوس «ئوغۇزنامە» دە : ئوغۇزخان « پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى، پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقانىدى» دەپ سۈپەتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئوغۇزخانغا كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنىڭ جەڭدە يول باشلاپ ماڭغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. ئوغۇزخانمۇ :«بۆرە بىزنىڭ بەلگىمىز بولسۇن» دەيدۇ.